مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈزەشتە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى لو جي

2019.07.18 15:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى قانۇنى»دا ساغلاملىق يېمەكلىكى قاتارلىق ئالاھىدە يېمەكلىكلەرنى قاتتىق باشقۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. لېكىن، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ساھەسىدە قانۇن-نىزام مۇكەممەل بولماسلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتتىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت، بولۇپمۇ ياشانغانلار ساغلاملىق بۇيۇملىرىنىڭ ئىستېمالى ھەمىشە ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ، چۈنكى، بۇ جەھەتتە قانۇنسىز ئۇنسۇرلار خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچىسى، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش.گەرچە يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى قانۇنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان، يەنى ئۇنىڭدا، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە ئۇنى ئەنگە ئالدۇرۇپ تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن، قانۇن-نىزاملارنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىلىكلىكى تۈپەيلىدىن، پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى قانۇنسىز يەر ئاستى قارا زاۋۇتلار ئۆزلىرىنىڭ ساختا ماركىلىق ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئارقىلىق، ياكى مۇنتىزىم زاۋۇتلارنىڭ تەستىق نومۇرىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش دېگەندەك قانۇن بۇزۇقچىلىقى ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋال يەنىلا مەۋجۇت. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە يۈرۈشۈشچانلىقى كۈچلۈك ۋە يۇقىرى بولغان «بىرلىشىپ سېتىش» ئەندىزىسى ئارقىلىق، قانۇنسىز ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازاردا ئوبوروت قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.

  ئىككىنچىسى، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىچىگە قانۇنسىز ھالدا ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددىلارنى قوشۇش. ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئەسلىدە كېسەللىكنى داۋالاشنى مەقسەت قىلمايدۇ، لېكىن، بەزى زاۋۇتلار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ "داۋالاش" ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەھسۇلاتلارغا داۋالاش ئۈنۈمى بار خىمىيەلىك دورا تەركىبىنى قوشىدۇ. ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقى ۋە قانۇنسىز قوشۇلمىلارنى تەكشۈرۈش سەۋىيەسى تەكشى بولمىغانلىقتىن، يەنە كېلىپ، قانۇنسىز قوشۇلمىلارنى ئىشلىتىپ قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقتىن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى تەس بولماقتا.

  ئۈچىنچىسى، ساختا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى ئىستېمال قىلغۇچىلار ئىچىدە ياشانغانلار %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. بىر قىسىم سېتىش خادىملىرى ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ "كېسەل داۋالاش" ئۈنۈمىنى كۆپتۈرۈپ، ھەمدە «ئۈچ ئا دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ داڭلىق دوختۇرى»، «ساغلاملىق لېكسىيەسى»، «ھەقسىز بېرىش، ھەدىيە قىلىش» ۋە «يۇقىرى تېخنىكا» دېگەندەك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ياشانغانلارنى قارىغۇلارچە سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ.

  تۆتىنچىسى، بازاردا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىغا بولغان چەكلىمە كەمچىل. ساغلاملىق يېمەكلىكلەر بازىرى ئۇچۇرلىرىنىڭ سىممېترىك بولماسلىقى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار باھاسىنىڭ قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ پايدىسى يۇقىرى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ جازا تەننەرخى تۆۋەن، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئاچكۆزلۈك قىلىدۇ، قانۇندا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىشتەك جىنايى قىلمىشلارغا قارىتا جازالاش ئۆلچىمى تۆۋەنرەك بولىدۇ.

  شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى بېرىمىز. ئالاقىدار تارماقلار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش، ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى نازارەت قىلىشقا پائال قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمى قاتارلىق تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى ئورنىتىپ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ جازا تەننەرخى بەك تۆۋەن بولۇشتەك ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك. قانۇننىڭ چۆچۈتۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەلەي سىناپ قانۇن بۇزۇقچىلىقى قىلىدىغانلارنى قانۇنغا تېگىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىۋېتىش كېرەك.

  بىز يەنە ساختا تەشۋىقات ۋە ساختا ئېلانلارغا قارىتا، زەربە بېرىش قانۇن-تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلاننى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ساختا ئېلانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئىستېمالچىلارنى ئەدلىيە جەھەتتىن قۇتقۇزۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش تەكلىپىنى بېرىمىز. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ساختا ئېلان بايقالغان ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ساختا ئېلانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشتىكى جازا تەننەرخىنى كۆپەيتىش كېرەك. زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى ساختا ئېلان ئىكەنلىكى بايقالغان ئەھۋالغا قارىتا، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ياردىمى يوللىرىنى كۆپەيتىش، ھەمدە تاراتقۇ ۋە تور قاتارلىق ئۇچۇر ئېلان قىلىش سۇپىلىرى ئارقىلىق كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ خەۋەردار بولۇش نىسبىتى ۋە خۇسۇسىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلارنى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئالدامچىلىقىدىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ياشانغانلارغا يۈزلەنگەن ھالدىكى كۈتۈنۈش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق لېكسىيەلەرنى كۆپرەك قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارغا دائىم لازىم بولىدىغان ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۆگىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، بولۇپمۇ پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلىرىنىڭ جىسمانىي روھىي سالامەتلىكىگە ۋە ياشانغانلارنىڭ ھېسسىياتىنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن قانۇنسىز سېتىش سودىگەرلىرىگە ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ