مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۆلەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەكىتلەندى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2019.07.12 16:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، دۆلەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، دۆلەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دوكلات بەردى، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى سۆز قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جايلار، تارماقلار يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قويۇپ بېرىش سىجىللىقى سىجىل تۆۋەنلەپ، تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ نىسبىتى تەدرىجىي ئاشتى، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئېلېكتىر گېنېراتورلار ئومۇمىي مىقدارى يەر شارى بويىچە %30نى ئىگىلىدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئورمان زاپىسى يىللىق نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى؛ ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

  يېڭى ۋەزىيەتتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپى بويىچە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا- ېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات كەسىپ سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېلىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك. بىز داۋاملىق جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن 2030-يىلى ئۆپچۆرىسىدە كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يۇقىرى قىممىتىنى ۋە سىجىللىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش ۋەدىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپى، ئادىل بولۇش پىرىنسىپى ۋە ئۆز ئىقتىدارىمىزنى جارى قىلدۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»، «پارىژ كېلىشىمى» ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئورتاق قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى كۆپ تەرەپلىك سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەلىپىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ