جۇڭگو ۋەكىلى جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالدى، دېدى

2019.07.11 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 9-ئىيۇل، نيۇيوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا، جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ما چاۋشۈ (ئالدىنقى رەتتە) ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق ۋە تەشكىللىك جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن ئاشكارا مۇنازىرە يىغىنىدا سۆز قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ما چاۋشۈ 9-ئىيۇل: جۇڭگو قانات يايدۇرغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى، دېدى.

  شۇ كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى خەلقئارا تېررورىزم ۋە تەشكىللىك جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاشكارا مۇنازىرە يىغىنى ئاچتى. ما چاۋشۈ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو − تېررورىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى. تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك رېئال تەھدىتى ئالدىدا، جۇڭگو كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇردى. جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى − خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ب د ت نىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا تامامەن ئۇيغۇن.

  ما چاۋشۈ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى تۈرلۈك قارارلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيا ۋە رايونلاردىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتناشتى. جۇڭگو «ب د ت نىڭ دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتكە زەربە بېرىش ئەھدىنامىسى»نى تۈزۈشكەن دۆلەت، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئەھدىنامە مەجبۇرىيىتىنى پائال ئادا قىلدى ھەمدە ئالاقىدار خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى پائال قوللاپ، ئەزا دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتكە زەربە بېرىش مەسىلىسىدە داۋاملىق كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ماددىي ئەشيا ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق ياردەملەر بىلەن تەمىنلەپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىدى.

  ما چاۋشۈ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىرلىشىپ كەتكەن ھەمدە ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن بولۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تەشكىللىك جىنايەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرمەكتە، تەشكىللىك جىنايەت گۇرۇھلىرى ئەسەبىيلىك ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىككە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلماقتا. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ جەھەتتە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاخبارات-ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، بىردەك ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك.

  ما چاۋشۈ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا بىر تۇتاش ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ب د ت نىڭ مەركىزىي ماسلاشتۇرۇش رولىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە «ب د ت نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك؛

  ئىككىنچى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا خەلقئارا ۋە رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تېررورلۇق ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەرگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت رايون ۋە ئىككىلەمچى رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى پائال قوللاپ، ئۈنۈملۈك رايون ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛

  ئۈچىنچى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ چېگرا مۇداپىئەسى، تاموژنا، زەھەر چەكلەش، ئەدلىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ھەقىقىي ياردەم بېرىشى كېرەك. خەلقئارا قانۇن ۋە ب د ت نىڭ ئالاقىدار قارارىغا ئاساسەن ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تەشكىللىك جىنايەت شايكىسىنىڭ ئەسەبىيلىكى ۋە تېررورلۇق ۋاسىتىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ۋە ساقلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ