مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا لىبىرىيەنىڭ ۋاقىتلىق كېڭەش پالاتا باشلىقى ئالبېرت چې بىلەن كۆرۈشتى.
لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو لىبىرىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدە چىڭ تۇرۇشنى جەزىملەشتۈرگەنلىكىگە ئاپرىن ئېيتىدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ۋىئا بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قانۇن جەھەتتە قوللايدۇ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى قاتلامدىكىلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ چىڭ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، جۇڭگو بىلەن لىبىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىجابىي تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
ئالبېرت چې مۇنداق دېدى: لىبىرىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇش ۋە ئافرىقا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ تېز راۋاجلىنىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ