مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ۋوندېر لېئىننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2019.07.19 13:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 18- چېسلا ئۇرسۇلا ۋوندېر لېئىنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولماقتا، ھەر قايسى ساھەلەردىكى سۆھبەت ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىزچىل تۈردە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئورنى ۋە رولىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. جۇڭگو ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى باشتىن-ئاخىر قەتئىي قوللايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، ئېچىۋېتىش ۋە گۈللىنىشنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ياۋروپا بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن ئىككى تەرەپ خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ