مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 35تىن ئېشىپ كەتتى

يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىز تەسىرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ

2019.07.19 17:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى 17-ئىيۇل سائەت 17دە، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سېرىق رەڭلىك سىگنالى چىقاردى. مۆلچەرلىنىشىچە، 17-چېسلادىن 20-چېسلاغىچە (جەنۇبىي شىنجاڭدا 21-چېسلاغىچە) جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ℃ 35 تىن ℃ 37 قىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن. ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 19-يانۋار كۆرۈلىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، ℃ 36 تىن ℃ 37 قىچە بولىدىكەن. 21-چېسلادىن 22-چېسلاغىچە ئاجىز سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا يەنىلا داۋاملىشىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 17-چېسلادىن 20-چېسلاغىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن 37 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرى ۋە بورتالا ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 45 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى لۈ شىنشېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا كېۋەز غوزىسى يوغىناشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىگە كىردى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا كېۋەز يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كېتىش، كېۋەز غوزىسى تۆكۈلۈپ كېتىش خەۋپى بار، قىزىل ئۆمۈچۈك قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پاختىكارلار ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا سۇغىرىش، خىمىيەلىك تەڭشەش، تىزگىنلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قۇرغاقچىلىق كۆرۈلۈپ، كېۋەزنىڭ ئۆسۈشىگە كەلتۈرىدىغان زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى مېۋىلىك باغلاردا مېۋىلەر يوغىناش ياكى پىشىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا مېۋىلەرنىڭ رەڭگە كىرىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، مېۋە پوستىغا داغ چۈشۈشنى، قورۇلۇپ قېلىشنى، مېۋىلەرنىڭ غەيرىي شەكىللىك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مۇۋاپىق پەيتتە سۇغىرىش، دەرەخلەرگە سۇ پۈركۈش، مۇداپىئە تورى ئورنىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بۇغداي پىشقان رايونلاردا ھاۋانىڭ ئوچۇق پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، بۇغدايلارنى ۋاقتىدا ئورۇش، ئاپتاپقا سېلىش كېرەك.

  لۈ شىنشېڭ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بۇ قېتىمقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق، يۇقىرى تېمپېراتۇرا مەزگىلى چۈشتىن كېيىن سائەت 16 دىن 18 گىچە بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىققاندا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا جەنۇبىي شىنجاڭدا قار ئېرىش تىپىدىكى كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلىدىغان تاغ گەۋدىسى سىيرىلىش، لاي-لاتقىلىق ئېقىن قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىش خەۋپ-خەتىرى بىر قەدەر چوڭ، تەڭرىتاغنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، چاقماق، مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار كۆزىتىش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ