مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2019-يىللىق چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمىتى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2019.07.19 09:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۆنۈگۈن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا 2019-يىللىق چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمىتى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتقان بارلىق ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئەلچىلەر ۋە دىپلوماتىيە سېپىدا جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر خەلق سارىيىنىڭ شىمالىغا زالىغا كىرىپ كەلدى. مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر ئەلچىلەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئارىلاپ پاراڭلاشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەمدە 2019-يىللىق چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمىتى يىغىنىدا سۆز قىلدى. يىغىندا نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، چەتئەلدە تۇرۇشلۇق بارلىق ئەلچىلەردىن ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى خىزمەت ھەققىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىپ، «ئىككى يۈز يىللىق» كۆرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش تەلەپ قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ