مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ لىبېرىيەنىڭ ۋاقىتلىق كېڭەش پالاتا باشلىقى ئالبېرت چې بىلەن كۆرۈشتى

2019.07.24 14:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا لىبېرىيەنىڭ ۋاقىتلىق كېڭەش پالاتا باشلىقى ئالبېرت چې بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن لىبېرىيە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان ياخشى دوست، ياخشى شېرىكلەر، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئىككى تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ۋېئا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-لىبېرىيە ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى لىبېرىيە كېڭەش پالاتاسى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  ئالبېرت چې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى غايەت زور نەتىجىلىرىگە قايىلمەن، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرىمىز، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى ئاپپارات مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ