مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ تەقدىرى باشتىن-ئاخىر ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بىلەن زىچ باغلانغان

2019.07.22 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 21-ئىيۇل «شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتاب تەپسىلىي، ئەمەلىي تارىخىي ماتېرىياللار ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزم، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزملىق نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق دۆلەت، تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، شىنجاڭنىڭ بىر قانچە تارىخىي مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ تارىخنى بۇرمىلاش، ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇشتەك خاتا سەپسەتىلەرگە كۈچلۈك رەددىيە بېرىپ، تۈپ يىلتىزىدىن تۈزەيدىغان، ئادىللىقنى يۆلەپ، يامانلىقنى تۈگىتىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى نامايان قىلدى.

  جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، شىنجاڭنىڭ تەقدىرى باشتىن-ئاخىر ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان. بىر مەزگىلدىن بۇيان، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر، بولۇپمۇ مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان-تېررورچى كۈچلەر (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈچ خىل كۈچ» دېيىلىدۇ) شىنجاڭنىڭ جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى يوققا چىقىرىپ، شىنجاڭدا قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، كۆپ مەدەنىيەت ئالمىشىش، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قاتارلىق ئوبيېكتىپ پاكىتلارنى ئىنكار قىلىپ، شىنجاڭنى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاپ، شىنجاڭنىڭ «مۇستەقىللىقى»نى تەرغىپ قىلدى. بۇ خاتا سەپسەتىلەر تارىخىي پاكىتلارغا پۈتۈنلەي خىلاپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدىن، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇش بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە چوقۇم ياقمايدۇ.

  تارىخنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدۇ، پاكىتنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپلا شىنجاڭ رايونى رەسمىي ھالدا جۇڭگو زېمىنىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى. جۇڭگودىكى بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئېچىپ، كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلدى. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ مۇقەددەس زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. جۇڭگو تارىخىدا، شىنجاڭ ئەزەلدىن «شەرقىي تۈركىستان» ئەمەس، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان» سەپسەتىسى ماھىيەتتە چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، چەت ئەللەردىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشتىكى سىياسىي قورالى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، خالاس.

  تارىخىي تېلېسكوپنى ئېلىپ، تارىخىي مۇساپىگە قايتىپ تەپسىلىي تەكشۈرگەندىلا، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تۈركلەرنىڭ قۇل قىلىشىغا ئۇچرىغان، ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىمۇ ئەمەس. بەزى كىشىلەر تۈركىي تىللارنى ئىشلىتىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تۈركلەر دېيىشىدۇ، روشەنكى بۇ يامان غەرەزدە ئېيتىلغان سەپسەتىلەر. ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلار ئۇزاق مۇددەت كۆچۈش ئارقىلىق يۇغۇرۇلۇپ شەكىللەنگەن، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان-تومۇرى باغلانغان ئائىلە ئەزالىرى. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كۆپ مەدەنىيەت، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايوندا، ھەر مىللەت مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ قۇچىقىدا يېتىلىپ تەرەققىي قىلدى، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار تۇغۇلۇشىدىنلا ئېتىقاد قىلغان ھەمدە بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىن ئەمەس، بىر دىن ياكى ئىككى دىن ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇش، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش − شىنجاڭدىكى دىن ئەندىزىسىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى، ئارىلىشىپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش − شىنجاڭدىكى دىن مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ھېسابلىنىدۇ.

  ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەدەنىيەت مىسلىسىز گۈللىنىۋاتىدۇ، دىنلار ئىناق ئۆتۈۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى تۇتاش، ھەر مىللەت خەلقى قەلبداش. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش − شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتى. چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىپ، پاكىتنى بۇرمىلىدى، ئۇلارنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى تارىخ ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇنى تارىخ ۋە خەلق مۇقەررەر چۆرۈپ تاشلايدۇ.

  «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولماقتا». شىنجاڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللىتىگە مەنسۇپ. شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىسىنى توغرا تونۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەندە، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ