مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلارنىڭ «ئۈچ خىل مىجەزى» بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن

جۈ جىنمىن

2019.07.22 16:46 مەنبە: خەلق تورى

  پىسخىلوگىيەدە بالىلارنىڭ ئالتە ياشتىن ئىلگىرىكى ۋاقتى مىجەزى يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق باسقۇچ، دېيىلىدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتتە، نۇرغۇن بالىلاردا مېشچانلىق، ئاچچىقى يامان بولۇش، ئىچى تار بولۇش قاتارلىق خاراكتېر مەسىلىلىرى بار بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر بەلگىلىك تۈردە ئائىلە تەربىيە ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ئەڭ ياخشىسى «ئالتۇن دەۋر»نى چىڭ تۇتۇپ، بالىلارنىڭ خاراكتېر يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئۇل سالغىنى ئەۋزەل.

  مىشچانلىق. بالىلار ئائىلىدە «مەلىكە، كىچىك بايۋەچچە» بولغانلىقتىن، كىچىكىدىن ئەركە بېقىلىپ كۆندۈرۈلگەن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ جاپا تارتىشىنى، ئازار يېيىشىنى خالىمايدۇ، ھەددىدىن زىيادە قوغدايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىلار ناھايىتى ئوڭايلا ئەركە، مېشچان بولۇپ قالىدۇ. مېشچان بالىلاردا ئادەتتە ئاساسلىق تۇرمۇش قابىلىيىتى بولمايدۇ، جاپا تارتىشنى خالىمايدۇ، تەنقىد-نەسىھەتنىمۇ كۆتۈرەلمەيدۇ، پىسخىكىلىق بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. «مېشچانلىق كېسىلى» بار بالىلارغا ئاتا-ئانىلىرى تۆۋەندىكىدەك تەربىيە قىلىپ سىناپ كۆرسە بولىدۇ.

  1. بالىنى ئائىلە ئىشلىرىنى كۆپرەك قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. بالىغا بەزىبىز زۆرۈر تۇرمۇش بىلىملىرىنى ئۆگىتىش، ئۇنى ئۆز قابىلىيىتى دائىرىسىدە بەزى ئېغىر ۋە جاپالىق ئىشلارنى قىلىپ كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  2. بالىنى بىر قىسىم رىقابەت خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتناشتۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، تاغقا چىقىش، تامغا يامىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن ئىرادىسىنى تاۋلاش كېرەك.

  3. بالىلار بەزى ئىشلانى قىلىشتىن يالتايماقچى بولسا ياكى باھانە تېپىپ چېكىنمەكچى بولسا، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ رايىغا باقماي، ئەكسىچە ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈش لازىم. پەقەت بالىلار باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچى قەدەمنى ئاتلىيالىسىلا، ئاندىن مېشچانلىقنى يېڭىشتىكى خۇشاللىقتىن بەھرىلىنىپ، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدۇ.

  ئاچچىقى يامان بولۇش. ئائىلىدە ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىق قىلىش تۈپەيلىدىن، بەزى بالىلاردا ئۆزىنى يادرو قىلىش خاراكتېرى شەكىللىنىدۇ، باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلاشمايدۇ، سەۋەپسىز ۋە قالايمىقان خاپا بولىدۇ. كۆپ خاپا بولۇش ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارغىمۇ تەسىر قىلىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاتا-ئانىلار تەربىيە قىلىشتا «نارازىلىقتىن يىراق بولۇپ، ئاچچىقىنى يېڭىش» پىرىنسىپىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. بالىلارنى توغرا ئۇسۇل بىلەن پاسسىپ كەيپىياتنى يوقىتىپ، ئاچچىقىنى چىقىرىشقا يېتەكلەش كېرەك. مەسىلەن، ئاتا-ئانىسى بىلەن، ئىشەنچلىك دوستى بىلەن پاراڭلىشىپ، قورسىقىنى بوشىتىۋېلىش ياكى خۇشال بولمىغان ئىشلىرىنى يېزىپ قويۇش دېگەندەك. «پۇلغا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى» ئارقىلىق بالىنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالا بىلەن مۇنداق كېلىشسە بولىدۇ: ناۋادا بىر كۈن ئىچىدە بالا قالايمىقان قەغىش قىلمىسا، 10 نومۇرغا ئېرىشىدۇ. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ناۋادا تولۇق نومۇرغا ئېرىشەلىسە، ئېرىشكەن نومۇرىنى بالا ئېرىشىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان بۇيۇمغا ئالماشتۇرۇپ، ئۇنى مۇكاپاتلىسا بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بالىنىڭ قەغىش قىلىشى، قالايمىقان تېرىكىشىگە نىسبەتەن ئاتا-ئانا ئۇنى ئۇرۇش، تىللاش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلماسلىقى كېرەك. بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇد بولمىغان شارائىت ئاستىدا، ئۇنى قەغىش قىلىشقا تاشلاپ قويۇپ، بالا بىلەن ۋاقتىنچە كارى بولماي، سەل تۇرۇپ بالا پەسكويغا چۈشكەن ۋاقىتتا ئاندىن ئۇنىڭغا قائىدە سۆزلىسە بولىدۇ.

  ئىچى تار بولۇش. نۇرغۇن يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ «ھەممە نەرسە مېنىڭ» دەيدىغان يوشۇرۇن ئېڭى بولۇپ، باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى بىلمەيدۇ، سەرلەپ-مىسقاللاپ ئايرىيدۇ. ئائىلە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى تۇنجى مەكتەپ، ئائىلىدە ئاتا-ئانىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا يول قويىدىغان كەيپىيات يارىتىشى كېرەك. مەسىلەن، يەيدىغان ياخشى نەرسىلەر بىلەن كۆپچىلىك تەڭ بەھرىمەن بولۇش، بالىلارنى يالغۇز يېگۈزمەسلىك كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلارنى دوستىلىرى بىلەن ئويۇنچۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا يېتەكلەپ، ئۇنىڭغا شۇ خۇشاللىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. بالىلارنى كۆپرەك خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇش، ئۆيىدە ئىشلەتمەيدىغان نەرسىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىئانە قىلىپ، ياخشى ئۈلگە بولۇش كېرەك. يەنە بالىلار چۆچەكلىرى، ماقال-تەمسىللەر، ھېكايە قاتارلىق يېڭى، جانلىق ھېكايىلەر ئارقىلىق بالىلاردا ئۈلگە تىكلەشكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ