مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ مەملىكەتلىك نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى

2019.07.24 14:47 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەملىكەتلىك نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورىقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمى يەكۈنلىنىپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى .

  نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش- ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. جايلار، تارماقلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات نەتىجىسىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېيىنكى قەدەمدە نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە نىشان ئارقىلىق يېتەكلەش، مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر-بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن كىشىلەرنى نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، شەھەر ئاھالىسىگە ئايلانشۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، 100 مىليون ئاھالىنى شەھەردە نوپۇسقا ئېلىش نىشانىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شەھەر-يېزا نوپۇسىنىڭ يۆتكىلىش يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ئالاھىدىلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، شەھەر-بازارلارنىڭ نوپۇسقا ئېلىش شەرتىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىش، شەھەر-يېزىلارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىدىغان نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇرۇش كىنىشكىسىنى ۋاسىتە قىلغان شەھەر-بازارلاردىكى دائىملىق نوپۇسنى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىم نۇقتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ يانداش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرگە كىرگەن دېھقانلارنىڭ يېزىدىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن نوپۇسلارنىڭ تېخىمۇ مۇقىم بولۇشىنى كۆزلىمە قىلىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم شەھەرگە كىرىپ نوپۇسقا ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى جاۋ كېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ