مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچاڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدا خىزمەت تەكشۈردى

2019.07.24 14:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى، ھەمدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، نۆۋەتتىكى ۋە كېيىنكى باسقۇچتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  لى كېچياڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە كېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، تەبىئىي ئاپەت، بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى كەلكۈن ئاپىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ بۇ يەردىكىلەرنىڭ يىل بويى 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش نۆۋەتچىلىكى ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئاپەتنى ئازايتىش مەسئۇلىيىتى ناھايىتى ئېغىر، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتا قىلچە بوشاڭلىق، بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ، داۋاملىق ئەمەلىي، چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  يىغىندا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىغا ۋاكالىتەن دوكلات بەردى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى. ئۇنىۋېرسال تەھلىلدە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغدى، نۇرغۇن دەريالار ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋەزىيىتى كەسكىن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش يېڭى مېخانىزمى بىرىنچى يىلىدىكى ماسلىشىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، شۇنداقلا يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، كېيىنكى باسقۇچتا شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال، غەربىي جەنۇبنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپ بولىدىكەن، جەنۇبتىكى بىر قىسىم رايونلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، تومۇز قۇرغاق بولىدىكەن.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلىدى، بۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئالاقىدار جايلار كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىشى ھەمدە كەلكۈن ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ، ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشى كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتا بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىشنى كۈچەيتىش، ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بىرىنچى، كەلكۈن ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاتتىق دىققەت قىلىپ،ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا تولۇق تەييارلىق قىلىش كېرەك. ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ،قۇتقۇزۇش قوشۇنىنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ۋاقتىدا ئاجىرتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ،ھەم چوڭ دەريا،مۇھىم سۇ ئامبىرى توسمىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ھەم ئوتتۇرا كېچىك دەريا ئېقىنلىرى، ئوتتۇرا كېچىك سۇ ئامبارلىرى ۋە ئادەتتىكى توسمىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەتەرلىك قۇرۇلۇش، خەتەرلىك بۆلەك،مۇھىم ئورۇنلاردا 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي تەڭشەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كەلكۈن، تاغ گۇمۇرلۇپ چۈشۈش، لاتقا قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ھۆلچىلىكنى تۈگىتىش ۋە قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى قوغداشنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۈچىنچى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەررگەن ھامان، دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.

  لى كېچياڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ « ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي بۇرچنى ئەسدە چىڭ ساقلاش »باش تېمىلىق تەربىيەسى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۆت ئاڭنى كۈچەيتىپ، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىككىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ ئىشلەپ، قىيىنچىلىقلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ، باش تېمىلىق تەربىيە نەتىجىسىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  خۇ چۈنخۇا، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، خې لىفېڭ قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ