مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقئارا جەمئىيەتنى شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلايلى

−− كۆپ دۆلەت ئالىملىرى «شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلە» دېگەن ئاق تاشلىق كىتابقا ئىجابىي باھا بەردى

2019.07.23 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 21-ئىيۇل «شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتاب شىنجاڭنىڭ بىر قانچە تارىخىي مەسىلىسىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ تارىخنى بۇرمىلاش، ھەق- ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش سەپسەتىلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى. نۇرغۇن دۆلەت ئالىملىرى ئاق تاشلىق كىتابنىڭ قاراشنى توغرىلاشتەك ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  فىرانسىيەلىك ئايال يازغۇچى، جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى سونىيە برېسلېي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلغان. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاق تاشلىق كىتاب خەلقئارا جەمئىيەتكە شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى، بۇ ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشىنىشكە پايدىلىق. بىر قىسىم غەربلىكلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسى كەمچىل، بىر قىسىم ئاۋۋال تارقالغان ئۇقۇملار ئۇلارنىڭ ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. برېسلېي ئۆز كەچۈرمىشى ئارقىلىق: جۇڭگودا 56 مىللەت بار، شىنجاڭدا بۇنداق كۆپ مىللەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدۇ، دېدى.

  قاتار ئاگېنتلىقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خالىد بىنال مۇنداق دېدى: جۇڭگو بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتاب شىنجاڭنىڭ تارىختىكى تومۇرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي داۋامى ۋە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشىنى يەنىمۇ شەرھلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى شىنجاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە توغرا چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  دوھا خەلقئارا دىن سۆھبىتى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى نابىل سارابى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئېلان قىلغان بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا شىنجاڭنىڭ رېئاللىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان، جۇڭگوغا قارىتىلغان سەۋەبسىز ئەيىبلەشكە قايتۇرما زەربە بېرىلگەن، يامان نىيەتلىك پىتنە- ئىغۋالارغا رەددىيە بېرىلگەن.

  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئابدۇلئەزىز سابانى مۇنداق دېدى: ئاق تاشلىق كىتابتا شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى مۇكەممەل، تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان، ئالاقىدار دۆلەت ۋە تاراتقۇلارنىڭ شىنجاڭغا قارا سۈركىگەنلىكىگە رەددىيە بېرىلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر قاتار تىرىشچانلىقلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە چۈشىنىشىگە ئېرىشىشى كېرەك. بۇ تەدبىرلەر ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇقنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يامرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىنى مۇقىم، ياخشى تەرەققىي قىلدۇردى.

  ئىلگىرى شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان مىسىر ئەين شەمسى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ناسىر ئابدۇل: خەن سۇلالىسىدىن باشلاپلا شىنجاڭ رايونى رەسمىي ھالدا جۇڭگو زېمىنىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان، دېدى. ئۇ شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئېكسكۇرسىيە قىلغان تارىخىي ئىزنالارمۇ بۇ قاراشنى ئىسپاتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىغا ئەزەلدىن سەل قارىمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ