مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 23- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2019.07.24 14:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 23-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئاساسلىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ؛ ئىقتىساد كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، نوپۇس، بايلىق، مۇھىت كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى ئورنى، يېڭى بۇرچىنى ئىگىلەپ، ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىسىگە ئېلىپ، نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېيىنكى يېرىم يىلدا، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى « ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش » باش تېمىلىق تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم يىغىن ۋە چوڭ-چوڭ كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى چۆرىدەپ، ئۆگىنىش-تەربىيە ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي مەسىلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلەر يىغىنىنىڭ ئەزالىرى ئۈلگە بولۇپ، ئالدىدا مېڭىپ، ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئىشەنچ بىلەن ئىش قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشتا يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا يېڭى ئىلگىرىلەش، خىزمەت ئىستىلىدا يېڭى ياخشىلىنىش بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كېڭىشىش شەكلىنى بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كېڭىشىش نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېڭىشىش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش كېرەك.

  يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 8-يىغىنىنىڭ قارالمىسى ۋە كۈنتەرتىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، يىغىننى 8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش، يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى « خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش » نى چۆرىدەپ كېڭىشىپ تەكلىپ بېرىش قارار قىلىندى. يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئاساسلىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ 8- يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ