مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەخسىي ئۇچۇرلار "تۈزۈم" بىخەتەرلىك ساندۇقىغا ئېھتىياجلىق

2019.07.23 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇشتا، ھەم سانلىق مەلۇماتنى مۇھىم ئامىل قىلغان رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، ھەمدە ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  18 ئالاقە تور شىركىتى ئابونتلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ شەخسىي ئۇچۇرلارنى يىغقان بولۇپ، ئۇلاردىكى يان تېلېفون ئەمەلىي يۇمشاق دېتاللىرىدىن 33 خىل دېتالنىڭ ئىسمى ئاتىلىپ تەنقىدلەندى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان «2019- يىلى 1- پەسىللىك تېلېگراف مۇلازىمىتى سۈپەت ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى»دا كۆرسىتىلىشىچە، شەخسىي ئۇچۇرلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توپلىغان ۋە ئىشلەتكەن نۇرغۇن تور بېكەتلىرى،APP لارنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، داڭلىق سۇپىلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىپ، ئالاقە تور دەۋرىدىكى سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى ئاممىنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈشى ۋە دىققىتىنى قوزغىدى.

  كۆچمە ئالاقە تورى تېز سۈرئەتتە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم. مەيلى شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ دەل جايىدىكى مۇلازىمىتى خېرىدارلارنى قولايلىقتىن بەھرىمەن قىلدۇرغان بولسۇن، ياكى زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى بىرىكتۈرۈپ پىششىقلاپ ئىشلەش، كارخانا باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بولسۇن، ياكى چوڭ سانلىق مەلۇماتتا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىش بارغانسېرى جانلىقلاشقان بولسۇن، ئۇلار رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۈنسېرى ھالقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىغا ئايلىنىشىغا ۋە كارخانىلارنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. ھالبۇكى، بۇ جەرياندا، مەجبۇرىي ھوقۇق بېرىش، زىيادە ھوقۇق تەلەپ قىلىش ۋە شەخسىي ئۇچۇرلارنى دائىرىدىن ھالقىپ توپلاش قاتارلىق ئەھۋاللار ئاز ئەمەس، قانۇنسىز سودا قىلىش، شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويۇش دېگەندەك بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇنىڭدىن پەيدا بولغان ئەخلەت قىسقا ئۇچۇرلار، پاراكەندىچىلىك تېلېفونلىرى ھەتتا ئىقتىسادىي ئالدامچىلىقلار پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. . . بۇلار ئابونتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىپلا قالماي، ئالاقە تورىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ-خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، دۆلىتىمىزدە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇنى ۋە تور بىخەتەرلىكى قانۇنىدا شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، تىجارەتچىلەردىن قانۇنلۇق بولۇش، يوللۇق ۋە زۆرۈر بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، تەمىنلەش ۋە مۇلازىمەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئۇچۇرلارنى توپلاشقا بولمايدۇ. لېكىن، يەنىلا بەزى كارخانىلار قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە پەرۋا قىلمىغان، بۇ، ئابونتچىلار سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئارقىسىدىكى غايەت زور مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسى، كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنىڭ كەم بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە جازالاش مېخانىزمىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بىر تەرەپتىن، ئابونتلارنىڭ دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش تەننەرخى بەك يۇقىرى بولۇپ، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش تەس، يەنە بىر تەرەپتىن، پىرىنسىپال بەلگىلىمە سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش قاتلىمىغا تېخى تەگمىدى، سىياسەتنىڭ مۈجمەل يېرىمۇ ئالاقىدار سۇپىلارغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكتىن بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ