مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

زوراۋانلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇپ قانۇن ئىدارە قىلىش تەرتىپىنى قەدىرلەيلى

2019.07.22 14:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 20- كۈنى، شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە زاتلىرى «شياڭگاڭنى قوغدايلى» سەرلەۋھەلىك چوڭ تىپتىكى يىغىلىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە تىنچلىقنى قوغداش تەدبىرىنى قوللىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. «شياڭگاڭ ئەمدى قالايمىقان بولسا بولمايدۇ» دېگەن ئىجابىي شۇئارلار شياڭگاڭنىڭ ئاساسىي ئېقىم خەلق رايى، ھەم شۇنداقلا بارلىق شياڭگاڭلىقلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىدۇر.

  يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، شياڭگاڭ جەمئىيىتى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە تالاش-تارتىش پەيدا بولغانلىقىنى چۆرىدەپ، بىر قىسىم رادىكال ئۇنسۇرلار تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇشنى نىقاب قىلىپ، قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ بىناسىغا زورلۇق ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھۇجۇم قىلىپ، ھەمدە ساقچىلارغا تەشكىللىك ھالدا ھۇجۇم قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپىنى بۇزدى.

  قانۇن ئىدارە قىلىش بولسا، شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ يادرولۇق قىممىتىدۇر. شياڭگاڭ بىر كۆپ مەنبەلىك، ئېچىۋېتىلگەن ۋە سىغدۇرۇشچان جەمئىيەت، ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكىلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى ئاساسىدا مەسىلىلەرنى ئەقلىي مۇھاكىمە قىلىپ، دەۋا تەلىپىنى تىنچ يول بىلەن ئىپادىلىشىگە يول قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شياڭگاڭ يەنە قانۇنغا جەزمەن ئەمەل قىلىدىغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرىدىغان جەمئىيەت. مەيلى كىم بولسۇن، قانداق سەۋەب بىلەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلسۇن، ھەممىسى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئەگەر ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكىلەر ھە دېسىلا قانۇنغا خىلاپ زورلۇق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆزلىرى «ھەققانىيەت»دەپ قارىۋالغان پىكىرلەرنى تەرغىپ قىلسا، شياڭگاڭدا قانۇنسىزلىق يۈز بەرمەي ۋە خاتىرجەمسىزلىك پەيدا بولماي قالارمۇ؟ ئەگەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە يول قويۇلسا، ھەتتا زوراۋانلىق قىلمىشلارنى قىلغانلارغا پۇتىغا خىش قويۇپ بېرىدىغان گەپلەرنى قىلىشىغا، ئۇلارنى توسۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا ياكى ئۇلارغا يار-يۆلەك بولۇشىغا يول قويۇلسا، بۇ، شياڭگاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش روھىغا ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلغانلىق بولۇپ، ئۇ ئاخىرىدا بارلىق شياڭگاڭلىقلارنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

  تىنچ ۋە ئىناق بولۇش شياڭگاڭ خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيانقى زوراۋانلىق قىلمىشلار شياڭگاڭنىڭ سودا چوڭ شەھەر بولۇش ئابرۇيىغا زىيان يەتكۈزۈپ، كەڭ شياڭگاڭ خەلقىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى. شياڭگاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە پارچە سېتىش كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسىدا 6- ئايدا ئىككى خانىلىق تۆۋەنلەش پەيدا بولدى، قىسمەن رايونلاردىكى دۇكانلارنىڭ سودىسى %25 چۈشتى. شياڭگاڭدىكى ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىمۇ بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى. ئەگەر زوراۋانلىق داۋاملىشىۋەرسە، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا تېخىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىپ، شياڭگاڭلىقلارنىڭ نورمال تۇرمۇشى ۋە ئائىلە تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، مەركىزىي ھۆكۈمەت جەزمەن باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئېنىڭ ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى، شياڭگاڭ ساقچىلىرى ۋە ئەدلىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئاخىرغىچە سۈرۈشتۈرىدۇ، شياڭگاڭنىڭ ئىجتىمائىي قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

  دۇنيا ئىقتىسادىي ئەندىزىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتقان، خەلقئارا رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، شياڭگاڭ ھەم كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان ئىقتىسادىي خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، يەنە نۇرغۇن خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى، بۇنداق كېتىۋەرسە، ئەمدى بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدۇ. ئەگەر شياڭگاڭ جەمئىيىتى زوراۋانلىققا قەتئىي رەۋىشتە «ياق» دېيەلمىسە، يەنىلا جەمئىيەتتە تالاش-تارتىش بولۇۋېرىشتەك پاتقاققا چوڭقۇر پېتىپ قالسا، مەسىلە ۋە خەۋپ-خەتەر بارغانسېرى ئۇلغىيىدۇ، شياڭگاڭ پەخىرلىنىدىغان قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە ياخشى ئامانلىق ساقلاش ۋە ئەركىن ئىقتىساد سىستېمىسى ئىنتايىن زور زىيانغا ئۇچرايدۇ. بۇمۇ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان شياڭگاڭدىكى ھەر ساھەنىڭ زوراۋانلىقنى بەس-بەستە ئەيىبلىشىدىكى سەۋەب، ساقچىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قانۇن بويىچە جازالىشىنى قوللاپ، شياڭگاڭدىكى رادىكاللارنىڭ زوراۋانلىقنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشىغا قەتئىي يول قويماي، شياڭگاڭنىڭ ئاممىۋى تەرتىپىنى ساقلاش كېرەك.

  ئائىلەڭ ئىناق بولسا، ئىشىڭ روناق تاپار. بىز شياڭگاڭدىكى ھەر ساھەنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، زوراۋانلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، باش مەمۇرنىڭ ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»ىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللايمىز. ئىشىنىمىزكى، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە بارلىق شياڭگاڭ ئاھالىسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، شياڭگاڭ داۋاملىق گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»تەك ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ