شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇزەبى ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.07.23 15:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22- ئىيۇل خەلق سارىيىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇزەبى ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 7- ئايدا، مەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ باردىم، بىز جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىمىزنى ئورتاق جاكارلاپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق. بىر يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ زىيارەت نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاپ قالدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يەرشارىلىشىش دەۋرىدە، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش يولى بولۇپ قالدى، ئەمما ئۆزىنى بېكىنمىچىلىك بىلەن يالغۇز قالدۇرۇش پەقەت ئۆز مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ نىشانى زور، مەزمۇنى مول، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش بولسا، يۈز يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان بولۇپ، ئۇ ھازىر ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ۋە ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلكىسىگە ئايلاندى. بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھەم شۇنداقلا جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى بولۇپ، ئۇ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. سىز بۇ چاغدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنكەنسىز، بىز بىرلىكتە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلىمىز. بۇ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يەنە بىر مۇھىم پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. مەن سىز بىلەن بىللە، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە كۈچنى داۋاملىق ساقلاپ، ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىدە مۇقىم يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ