مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكا «دىنىي ئەركىنلىك» دېگەن نىقاب بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشسا مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ، دېدى

2019.07.23 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىتتىپاقى» قۇرۇشى «دىن ئەركىنلىكى» دېگەن نىقاب بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى، بۇ ئىش مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ.

  بىر مۇخبىر: ئامېرىكا 2-نۆۋەتلىك «دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش» مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزگەن مەزگىلدە، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىتتىپاقى» قۇرۇپ، دىنىي ئەركىنلىكنى قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، يېقىندا، 100گە يېقىن شىنجاڭلىق زىيالىي ۋە دىنىي زات بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئوغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسئۇلىيەتسىز سۆز-ئىبارىلەرنى ئېلان قىلغانلىقىدىن قاتتىق غەزەپلەندى. 7-ئاينىڭ 19-كۈنى جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتى، داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتى، ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، كاتولىك دىنى «بىر ئۇيۇشما، بىر ئۆمىكى»، خىرىستىيان دىنى جەمئىيىتىمۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئۇسۇلى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بىزارلىقى ۋە قارشىلىقىنى قوزغىدى، نۇرغۇن دۆلەتلەر يىغىنغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى. ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا قوللانغان سىياسىتىنى ئاشكارا قوللاپ، بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلىشى سىياسىي مەقسەتتىن بولغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، دەپ قارىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 37 دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىرلىشىپ ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى ئالىي مەخسۇس خادىمىغا خەت-ئالاقە ئەۋەتىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، يېقىندا يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ، بىرلەشمە خەت-ئالاقە ئارقىلىق جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ <خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىتتىپاقى>نى قۇرۇشىغا كەلسەك، بۇ پەقەت ئامېرىكىنىڭ <دىنىي ئەركىنلىك> نىقابىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى يولغا قويۇدىغان، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان قورالى، خالاس. بۇ مۇقەررەر ھالدا دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ، مۇقەررەر ھالدا تەرەپ-تەرەپكە سوقۇلۇپ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ».

  «بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشنى تاشلاپ، دىننى سىياسىيلاشتۇرماسلىقىنى، دىننىڭ مۇقەددەس نامىغا داغ تەگكۈزمەسلىكىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى، <دۇنيا ساقچىسى>نىڭ رولىنى ئېلىشقا ئۇرۇنماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز»، دېدى گېڭ شۇاڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ