مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن «ئۈلگە تىكلەپ بەردى» ___ قىرغىزىستان خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى شېرادىلنى مەخسۇس زىيارەت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گۇەن جيەنۋۇ

2019.07.25 16:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىرغىزىستان دۆلەت ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى شېرادىل باقىت يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو گوۋۇيۈەنى ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب تۈپتىن تەرتىپكە سېلىشقا پايدىلىق بولۇپ، بۇ، شىنجاڭ مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا يامان غەرەزدە تۆھمەت قىلغان خەلقئارادىكى بەزى كۈچلەرگە بولغان كۈچلۈك قايتۇرما زەربە.

  شېرادىل ئاق تاشلىق كىتابتىكى «شىنجاڭ ئەزەلدىن <شەرقىي تۈركىستان> ئەمەس» دېگەن باياننى چوڭقۇر ئېتىراپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەزەلدىن «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىپ باقمىغان، جۇڭگو تارىخىدىمۇ بۇنداق قاراش يوق، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان» جۇڭگو چېگراسى ئىچى-سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە خەلقئارادىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ يامان غەرەزلىك سۆزى. ئالاقىدار جۇغراپىيەلىك ئۇقۇملارنى سىياسىيلاشتۇرۇش ھەمدە بۇ ئارقىلىق ھازىرقى زامان دۆلەتلىرىنىڭ چېگراسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان قىلمىش.

  شېرادىل مۇنداق دېدى: 1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولدى. 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى. خەلقئارا جەمئىيەت شىنجاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان ئېتىراپ قىلدى. شېرادىل مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى مەنبەدىن تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، يېقىنقى ئۈچ يىلدا بىرمۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىگەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. شىنجاڭ تېررورلۇققا، ئەسەبىيلىككە، بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە قىممەتلىك ھەم ئىلغار تەجرىبىلەرنى توپلىدى، قوللانغان بىر قاتار تەدبىرلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شېرادىل مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇپ، ئۈلگە تىكلىدى، لېكىن بەزى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى ئۆكتەملىك بىلەن ئەيىبلىدى، ئۇلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەق-ناھەقنى ئايرىماي، پەقەت ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشتى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە توختالغاندا، شېرادىل مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى غەربىي رايوننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى تېز ئاشتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. شۇڭا، بىز شىنجاڭنى تىلغا ئالغاندا، بۇ ئەمەلىي، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كۆرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ