خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 21دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، گۇيجۇ ئۆلكىسى ليۇپەنشۈي شەھىرى شۈيچېڭ ناھىيەسى جىچاڭ بازىرى پىڭدى كەنتى چاگۇ مەھەللىسىدە پەۋقۇلئاددە زور تاغ غۇلاپ چۈشۈش ئاپىتى يۈز بېرىپ، 21 كورپۇس ئۆي كۆمۈلۈپ قالدى. ھازىرغىچە 11 ئادەم قازا قىلدى، 42 ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.
ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىش قاتارلىق كېيىنكى ئىشلارنى ياخشى ئىشلەش؛ ئىلمىي قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەتەر ئەھۋالىنى كۆزىتىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلىدىن بۇيان، بەزى جايلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋەزىيىتى كەسكىن، تەبىئىي ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپى بىر قەدەر كۆپ بولدى. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار خەلققە ئىنتايىن مەسئۇل بولۇش روھى بويىچە پائال كۈچ تەشكىللەپ، خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ئالدىن مەلۇمات بېرىش-سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداش كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ: ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تالاپەتنى ئازايتىپ، ئەتراپتىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، يېڭى گېئولوگىيەلىك ئاپەت ۋە ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، دەپ تەستىق سالدى. جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى بىلەن تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يەرلىكنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىپ، يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ھازىر دەل «7-ئاينىڭ ئاخىرى، 8-ئاينىڭ باشلىرى»دىكى ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچى، جايلارنىڭ بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىۋېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كەلكۈن، تاغ غۇلاپ چۈشۈش، لاي-لاتقا ئېقىنى قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ