مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2019.08.01 15:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشر قىلىنغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 15-سانىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم» دېگەن تېمىدىكى مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەمىز 100 يىللىق چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلغارلىق ۋە ساپلىقنى، ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى قانداق قىلىپ مەڭگۈ ساقلاش، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا قانداق قىلىپ مەڭگۈ ئېرىشىش، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش − بىز چوقۇم ياخشى جاۋاب بېرىپ، ياخشى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تۈپ مەسىلە. پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلاردىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى تەلەپ قىلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا شۇنداق ئەسكەرتىدۇكى، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى − دەل پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، غايە- ئېتىقادى، كۈرەش نىشانىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسىدۇر، قانچە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنسېرى، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى شۇنچە ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى شۇنچە يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران-چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ