مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەت ئادىل باھا بېرىدۇ، دېدى

2019.07.30 17:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 7-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئۆزىنىڭ قارىشى بار، بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «ئىنسانىي ھوقۇق» نامى بىلەن شىنجاڭنى قارىلاش، جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىش سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بەزى مۇخبىرلار مۇنداق دەپ سورىدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 24 دۆلەت بىرلىشىپ ئىمزالىق خەت يېزىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. لېكىن بىز يېقىندا 50 نەچچە دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرى ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمىغا بىرلىشىپ خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى، ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۇق. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا رۇسىيە، پاكىستان، سەئۇدىي ئەرەبىستان، ئالجىرىيە، كۇبا قاتارلىق 50 دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىرلىشىپ ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمىغا ئالاقە ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قوللىدى، شىنجاڭدا تەربىيەلەش مەركىزى تەسىس قىلىش قاتارلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇققا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ ھالدا ئايدىڭلاشتۇردى. يەنە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا خەت-ئالاقە ئەۋەتىش، خەۋەر تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەشەببۇسىغا ماسلاشتى ۋە ئۇنى قوللىدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن 24 دۆلەتنىڭ ھەممىسى غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر، ئومۇمىي نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت 600 مىليون، بۇنىڭ ئىچىدە بىرمۇ ئىسلام دۆلىتى يوق، بىرمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت يوق. «جۇڭگونى قوللايدىغان 50 نەچچە دۆلەت ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى، ياۋروپا قاتارلىق قىتئەلەردىن بولۇپ، نوپۇسى 2 مىلياردقا يېقىنلىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 28 دۆلەت ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت، ئۇلارنىڭ نوپۇسى سىز تىلغا ئالغان 24 دۆلەت نوپۇسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىنمۇ كۆپ. شۇڭا، شىنجاڭ مەسىلىسىدە كىمنىڭ راست، كىمنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ ھەققانىيەت ۋە توغرا تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى قوللايدىغان 50 نەچچە دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرى ئىچىدە كۆپىنچىسى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ باققان، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئۇلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن زاتلار كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى خەۋەرلىرىدىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك بىلدۈردى، ئۇلار جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن ئىنسانىي ھوقۇق ئالەمشۇمۇل نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. ئۇلار: شىنجاڭدا تەربىيەلەش مەركىزى تەسىس قىلىش قاتارلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇققا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلغان دەپ قارىدى، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونى سەۋەبسىز ئەيىبلىشىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئۆزىنىڭ قارىشى بار، بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «ئىنسانىي ھوقۇق» نامى بىلەن شىنجاڭغا قارا سۈركەش، جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىش سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭدىكى مەسىلە دىن ۋە ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسىلىسى. تېررورىزم ۋە ئۇلتىماتىزم (ئەسەبىيلىك) دۇنيا خاراكتېرلىك قىيىن مەسىلە. «سىز تىلغا ئالغان جۇڭگونىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن 24 دۆلەتتە، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىلگىرى تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، ئۇلارنىڭ دۆلىتىمۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئۇلارنىڭ يارىسى ساقىيىپلا ئاغرىقنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.» ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تېررورىزم ۋە ئۇلتىماتىزىم (ئەسەبىيلىك)نىڭ قاتتىق تەھدىتىگە قارىتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قانۇن بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى تەسىس قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتتى. شىنجاڭدا يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولدى، پۇقرالار خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى، ھەممە كىشى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت، تەدبىرلىرىنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلدى. «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىي، مەدەنىيلىكىنىڭ رەزىللىك، ۋەھشىيلىككە قارشى كۈرىشىدۇر، ئۇنى قوللاش، ھۆرمەتلەش ۋە چۈشىنىش كېرەك. بىز بۇ 24 دۆلەتتىكى ئالاقىدار زاتلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشىنى قارشى ئالىمىز.»

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، كۆپ تەرەپلىك ئىنسانىي ھوقۇق مېخانىزمى ئىچىدە «ب د ت نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل، غەيرىي تاللاش خاراكتېرلىك ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجابىي سۆھبەت ۋە ھەمكارلىق ئارقىلىق خەلقئارا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. جۇڭگو ھەر قانداق دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنى باشقىچە يول تۇتۇپ، سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوش ئۆلچەمنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىنسانىي ھوقۇق نامى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ