مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى جۇڭگونىڭ ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىش خاتىرىسى

2019.08.08 13:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ مەيدان ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.2 - نۆۋەتلىك « بىر بەلباغ، بىر يول » خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، 2019 - يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا كۆرگەزمىسى ۋە ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆھبىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، دۇنياغا كۆپ تەرەپلىك جۇڭگو لايىھەسىنى نامايان قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلدى.

  ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسى ۋە كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن يەر شارى جامائەت مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، « بىر بەلباغ، بىر يول » تەشەببۇسىنى رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈردى.4-ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 27 -كۈنىگىچە، 2 - نۆۋەتلىك « بىر بەلباغ، بىر يول » خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.39 چەتئەل رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 150 دۆلەت، 92 خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 6000 دىن ئارتۇق چەتئەللىك مېھمان بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرگە قاتنىشىپ، « بىر بەلباغ، بىر يول » نىڭ خەلقئارا چاقىرىق كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئەكس ئەتتۈردى.مۇنبەرنىڭ قارشى ئېلىش زىياپىتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى شېرىكلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەشكە چاقىردى.

  شى جىنپىڭ : دۇنيا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، دەۋر ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ئەۋج ئېلىپ، پۇرسەت ۋە خىرىسقا تولدى.بۈگۈنكى دۇنيادا مېڭىش خۇددى سۇنىڭ ئېقىشىغا قارشى كېمە ھەيدىگەنگە ئوخشايدۇ، ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىدۇ.ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چېكىنىش ئاساسىمىز يوق، پەقەت ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزلا بار.بوران - چاپقۇنلارنى يەڭگەندىلا خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەممىمىزنىڭ بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ « بىر بەلباغ، بىر يول » نى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بىر نىيەتتە بىر مەقسەتتە گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى » دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، يېشىل، پاك بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، « بىر بەلباغ، بىر يول » نى ئورتاق قۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشى بويىچە ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى تەكىتلىدى.بۇ مۇھىم مەزمۇنلار يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنى قوشما ئاخباراتىغا تولۇق كىرگۈزۈلۈپ، « بىر بەلباغ، بىر يول » نى ئورتاق قۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە يۈكسىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ بىر قاتار زور ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگونىڭ ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ: جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش تەدبىرى- جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئوبيېكتىپ ئېھتىياجىغا ئاساسەن چىقىرىلغان مۇستەقىل تاللاش، بۇ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇشقا، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق.بىزمۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرى، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئالىملارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىق پائالىيىتىنى نورمال قانات يايدۇرۇشقا ئادىل مۇھىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز دېدى.بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو دۇنيا بىلەن تېخىمۇ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان ۋە گۈللەنگەن جۇڭگو ۋە دۇنيا بەرپا قىلىدۇ.

  مۇنبەر يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، بىر كۈندە 14 مەيدان پائالىيەتكە قاتنىشىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ« ئالدىراشلىق كۆرسەتكۈچى » نى يېڭىلىدى.رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ۋە يېتەكچىلىكىدە، يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەر « بىر بەلباغ، بىر يول » نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، شۇنداقلا سىرتقا قارىتا ئېنىق سىگنال بەردى : « بىر بەلباغ، بىر يول » نى ئورتاق قۇرۇش دوستلار چەمبىرىكى بارغانسېرى كېڭەيدى، ياخشى شېرىكلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەمكارلىق سۈپىتى بارغانسېرى ئۆستى، تەرەققىيات ئىستىقبالى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  شى جىنپىڭنىڭ : « بىر بەلباغ، بىر يول » نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى جۇڭگودىن كەلگەن، پۇرسەت ۋە نەتىجە دۇنياغا مەنسۇپ.« بىر بەلباغ، بىر يول » نى ئورتاق قۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك قۇرۇلۇش،ھەمكارلىق شېرىكلىكلىرىنىڭ ئورتاق ئىشى.جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ تۈرلۈك ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، « نەپىس رەسىم » سىزىش روھى بىلەن، « بىر بەلباغ، بىر يول » نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

  « بىر بەلباغ، بىر يول » نى ئورتاق قۇرۇش، ئېچىۋېتىلگەن تەرەققىيات يولى شۇنداقلا يېشىل تەرەققىيات يولىدۇر.2 - نۆۋەتلىك « بىر بەلباغ، بىر يول » خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى يېپىلىپ ئىككىنچى كۈنى، 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا يەرمەنكىسى يەنچىڭدا باشلاندى.رەئىس شى جىنپىڭ « يېشىل تۇرمۇش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، گۈزەل يۇرت - ماكان بەرپا قىلايلى » دېگەن تېمىدىكى مۇھىم سۆزىدە، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، دۇنياغا گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ : گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خىرىسى ئالدىدا، ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىدىغان بولۇپ، ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۆزى يالغۇز بۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايدۇ.پەقەت قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن كىلىمات ئۆزگىرىشى، دېڭىز - ئوكيان بۇلغىنىشى، جانلىقلارنى قوغداش قاتارلىق مۇھىت مەسىلىلىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ماڭغاندىلا، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

  ئاسىيا مەدەنىيەت سۆھبىتى يىغىنى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.ئاسىيادىكى 47 دۆلەت ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن بولۇپ جەمئىي 2000 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.يىغىندا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش ئاساسىدا، يىغىندا ئورتاق تونۇش ھۆججىتى ئېلان قىلىنىپ، مەدەنىي ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر تۈركۈم ئەمەلىي تەدبىر ۋە ھەمكارلىق نەتىجىلىرى شەكىللەندى.رەئىس شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا باش مەقسەتلىك سۆز قىلغاندا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىش جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاسىيا ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : ھەر بىر خىل مەدەنىيەت گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى، ئىجادىيەتنىڭ گۈزەللىكى، بارلىق گۈزەل شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.كىشىلەرنىڭ گۈزەل شەيئىلەرگە بولغان ئىنتىلىشىنى ھەرقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ ! ھەر خىل مەدەنىيەتلەردە ئارىسىدا ئەسلى توقۇنۇش يوق، پەقەت بارلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان كۆز بولۇشى كېرەك.بىز ھەم ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشىمىز، ھەم باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىپ، دۇنيا مەدەنىيەت گۈلزارىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئۈچ مەيدان ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيەسى، جۇڭگونىڭ يېڭى تەشەببۇسلىرىنى تېخىمۇ ياخشى شەرھلەپ، جۇڭگو لايىھەسىنىڭ خەلقئارا چاقىرىق كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.كەلگۈسىدىكى جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازى بىلەن دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە داۋاملىق يېقىنلىشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : بۈگۈنكى جۇڭگو يالغۇز جۇڭگونىڭلا بولماستىن، بەلكى ئاسىيانىڭ ھەتتا، دۇنيانىڭ جۇڭگوسى.كەلگۈسىدىكى جۇڭگو چوقۇم تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەت بىلەن دۇنياغا قۇچاق ئاچىدۇ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن دۇنياغا تۆھپە قوشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ