مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شوۋنىڭ ناھىيەسى شياداڭ يېزىسىدىكى يۇرتداشلارنى ئىلھاملاندۇردى

تامچە سۇ تاشنى تېشەر روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ شەرقىي فۇجيەن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى تېپىپ چىقىڭلار

2019.08.07 15:57 مەنبە: خەلق تورى

  جاۋاب خەت

  شوۋنىڭ ناھىيەسى شياداڭ يېزىسىدىكى يۇرتداشلار:

  ياخشىمۇ سىلەر!

  خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. شياداڭ يېزىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. كۆپچىلىكنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن!

  «چېلىڭغا ماشىنا قاتناش ئاسمانغا چىققاندىن تەس، جيۇلىڭغا چىقىشقا توققۇز يىل كېتەر». ئەينى يىللاردىكى «شياداڭغا ئۈچ قېتىم بېرىش» جەريانىدىكى كۆرۈنۈشلەر ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا. 30 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، شياداڭنىڭ تەبىئىي توسۇقى راۋانلاشتى، كونا قىياپىتى يېڭىلاندى، يۇرتداشلار تېخىمۇ كۆپ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى، بۇ، ئاجىز قۇش ئاۋۋال ئۇچار، تامچە سۇ تاشنى تېشەر، دېگەن قائىدىنى جانلىق ئىسپاتلىدى.

  يۇرتداشلارنىڭ تامچە سۇ تاشنى تېشەر روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، پائال گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ، تىرىشىپ شەرقىي فۇجيەن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى تېپىپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2019-يىل 8-ئاينىڭ 4-كۈنى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاۋغۇست فۇجيەن ئۆلكىسى شوۋنىڭ ناھىيەسى شياداڭ يېزىسىدىكى يۇرتداشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇلارنىڭ تامچە سۇ تاشنى تېشەر روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ياخشى مېڭىشىغا ئىلھام بەردى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە: شياداڭ يېزىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. كۆپچىلىكنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ