مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«تاۋۇز ئوغرىلاش دېلوسى» تۈزىتىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئادىللىقى قوغدالدى

2019.08.06 15:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان خېنەن چىشيەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «دېھقاننىڭ تاۋۇزىنى ئوغرىلىغانلار 300 يۈەن تۆلەش» ۋەقەسىدە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. خېنەن ئۆلكىسى خېبى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 4- ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق ئۈچ مۇھىم ئۇچۇر بار: بىرىنچى، تاۋۇز ئوغرىلاش ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ئوغرىلىق قىلمىشى بولۇپ، تاۋۇز ئوغرىلىغۇچى ئۈچ كۈن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلىدۇ؛ ئىككىنچى، دېھقاننىڭ قانۇنغا خىلاپ دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توسۇشى گەرچە تاۋۇز ئوغرىلىغۇچىنىڭ يېنىك زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق؛ ئۈچىنچى، ساقچىخانىدا قانۇن ئىجرا قىلىش خاتالىقى بار دەپ بېكىتىلىپ، جاۋابكار خەلق ساقچىلىرىغا خىزمەتتىن توختىتىش تەدبىرى قوللىنىلدى.

  «سورىماي ئېلىۋالسا ئوغرىلىق بولىدۇ»، بۇ ھەتتا بالىلارمۇ بىلىدىغان قائىدە؛ تاۋۇز تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى قوغداش ھوقۇقى بار، بۇمۇ ھەم «جىنايى ئىشلار قانۇنى»دا پۇقرالارغا بېرىلگەن ھەققانىي قوغدىنىش ھوقۇقىنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى. كەسپىي قانۇن تەربىيەسى كۆرمىگەن تورداشلارنىڭ ھەممىسى ھەق-ناھەقنى بىر قاراپلا بىلەلەيدۇ، نېمە ئۈچۈن قىسمەن ئاساسىي قاتلام ساقچىلىرى «تاۋۇز ئوغرىلاش دېلوسىنىڭ قىممىتى كىچىك بولغاچقا سۈرۈشتۈرمەسلىك، ئوغرىنى تۇتۇش جەريانىدا زەخىملەندۈرۈش − زور خاتالىق» دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ؟ چىشيەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى نېمە ئۈچۈن ئىككى كۈن بۇرۇنقى ئۇقتۇرۇشتا بۇ خىل «ھاماقەتلەرچە ھۆكۈم قىلىش» ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ؟

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەلۇم تور ئەھلى بۇنىڭغا: ئوغرىنىڭ ئاشكارا ھالدا ساقچىغا مەلۇم قىلىشى ھەمدە 300 يۈەن تۆلەمگە ئېرىشكەنلىكى − «قانۇننىڭ يۈزىگە شاپىلاقلاشتۇر»، دەپ باھا بەردى. چىشيەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى خېبى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ قېتىملىق قانۇننى نامۇۋاپىق ئىجرا قىلىشنى تۈزىتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئادىللىقىنى قوغدىدى. ئەگەر پۇقرالار قانۇنسىز دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، پۇت-قوللىرىنى ئىشلىتىشتىن قورقسا، قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ھەق- ناھەقنى بۇرمىلاپ، «قالايمىقان ھۆكۈم» چىقارسا، بۇ ھالدا جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىنىڭ يۈرىكى تېخىمۇ يوغىناپ، جامائەت تەرتىپى، ياخشى ئادەتلەرنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ خىل قالايمىقانچىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى بەزەن قانۇن ئىجرا قىلىشتا يەككە-يېگانە بولماي، كىم «ئۇششۇقلۇق» قىلالىسا شۇنىڭ يوللۇق بولىدۇ، كىمنىڭ كانىيى چوڭ بولسا شۇنىڭ يوللۇق بولىدۇ، كىمنىڭ بەدىنىدە زەخىم بولسا شۇنىڭ يوللۇق بولىدۇ، كىمدىن قان چىقسا شۇنىڭ يوللۇق بولىدۇ... ھەر خىل «ھاماقەتلەرچە ھۆكۈم قىلىش» دېلولىرى قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئادىللىقىنى ئېغىر دەرىجىدە چىرىتتى، شۇنداقلا ھەق- ناھەقكە قانۇن ئارقىلىق ھۆكۈم چىقارماي، قانۇننىڭ سىرتىدىكى ئامىللار ئارقىلىق بەلگىلەيدىغان ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، پاكىت، قانۇن بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇلدى.

  يېقىنقى دېلو مىساللىرىغا قارايدىغان بولساق، يالغۇز «دېھقاننىڭ تاۋۇزىنى ئوغرىلىغانلار 300 يۈەن تۆلەش»لا ئەمەس، يەنە خېنەن گۇشى ناھىيەسىدە «33 توننا قۇدۇق قاپقىقىنى كىشىلەر بۇلاپ ئېلىپ كەتسە، ساقچىخانا دېلو تۇرغۇزمىغان» ئىشلاردا قانۇن ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى تالاش-تارتىشنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى. بەختكە يارىشا، بۇ «ھاماقەتلەرچە دېلو»لار ئەڭ ئاخىرىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن تۈزىتىلدى، نەتىجىسى ئاممىنىڭ ئادىللىق، ھەق- ناھەق توغرىسىدىكى ھۆكۈمىگە ئۇيغۇن، ئاساسىي قاتلام قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئاگاھلاندۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئىلگىرىلىشىگىمۇ تۈرتكە بولدى.

  ئەمەلىيەتتە، ئالاقە تورى جامائەت پىكرى بارغانسېرى تېزلىشىپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاش بارغانسېرى قولايلىشىپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارغا «ئەينەككە قاراش» پۇرسىتى يارىتىپ بەردى: قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى بەزى «ياراشتۇرۇش» ئۇسۇللىرى قانۇن چىقىرىشنىڭ ئەسلىي مەقسىتىگە ئۇيغۇنمۇ؟ بەزى ئايرىم دېلولاردىكى «ھاماقەتلەرچە ھۆكۈم» بىلەن ئاممىنىڭ ھەققانىيەتكە بولغان ئىنتىلىشى ئارىسىدا ئارىلىق بارمۇ-يوق؟ ئەسلىدە ھەق-ناھەق ئېنىق بولغان بەزى دېلو مىساللىرىنى تاراتقۇلار دىققەت قىلمغاندىلا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار ئارىلاشقاندىلا ئاندىن تۈزەتكىلى بولىدۇ، خاتالىقنى تۈزىتىش ئۆلچىمى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟

  خەلق ئاممىسىنىڭ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا ئېرىشىش تۇيغۇسى ئايرىم دېلولاردىن كېلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي قائىدىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىمۇ بىر-بىرلەپ كونكرېت ۋەقەلەرنىڭ ئاستا-ئاستا تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. خېبىدىكى «تاۋۇز دېلوسى» تۈزىتىلىپ، «تاۋۇز دىلوسىغا قالايمىقان ھۆكۈم چىقارغان» ساقچىخانىدىكى مەسئۇل خەلق ساقچىلىرى بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق قوغدالدى، بۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، جايلاردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىۋېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى قانۇن بىلەن زىت كېلىدىغان، ئەل رايىغا زىت كېلىدىغان «ياراشتۇرمىچىلىق»، «ھاماقەتلەرچە ھۆكۈم»لەرنى رەتلەپ تەكشۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ