مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پاكىت ئارقىلىق شىنجاڭدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم

2019.08.01 15:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىلگىرى يامان ئىشلارنى يەتكۈچە قىلغان ئوغلى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىشى ئارقىلىق نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدى، يەنە بىر-ئىككى خىل ماھارەت ئۆگىنىپ، ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئىگىلىك تىكلىدى. «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوغلۇمنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىغا رەھمەت»، مانا بۇ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 85 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بوۋاينىڭ يۈرەك سۆزى.

  يېقىندا گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» ناملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭدىن كەلگەن رەھبىرىي كادىرلار پاكىت ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، غەربتىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ۋە تاراتقۇلارنىڭ يامان غەرەزلىك تۆھمەتلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە بېرىپ، تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ نامىنى توغرىلىدى.

  شىنجاڭدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ھەقىقىي ھالىتى قانداق؟ مانا بۇ شىنجاڭ قەشقەردىكى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ كۈندىلىك بىر كۆرۈنۈشى −−

  يورۇق سىنىپتا ئوخشاش بولمىغان سىنىپ، ئوخشاش بولمىغان تاللاپ ئۆگىنىدىغان كەسىپتىكى كۇرسانتلار دۆلەت تىلى، قانۇن، گۈل تىزىش سەنئىتى، ساياھەت يېتەكچىلىكى، ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش، دېھقانچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىقلار توغرىسىدىكى دەرسلەرنى ئەستايىدىل ئۆگەنمەكتە؛ سىرتتا ئوقۇغۇچىلار قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن ھالدا ۋاسكېتبول، ۋالىبول، پەي توپ ئوينىماقتا؛ ياتاق بىناسىدا شاھمات ئۆيى، مۇزىكا ئۆيى قاتارلىقلار دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشنى بېيىتماقتا؛ چوڭ ئاشخانىدا قورۇما شەكلىدىكى مول تاماق تىزىملىكى ئېسىقلىق تۇراتتى...

  شىنجاڭدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، شۇنداقلا ئاشكارا قۇرۇلغان. بۇ يەردە، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشتىن قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكىچە، ئاندىن كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىشكىچە، كۇرسانتلار تۈرگە ئايرىپ ئوقۇتۇش، ئادەمگە قاراپ تەربىيەلەشتەك كەسپىي تەربىيەدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. كۇرسانتلارنىڭ كىرىپ چىقىشىمۇ جانلىق بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن كۆپ ساندىكىلىرى جەمئىيەتكە قايتىپ كەلدى، %90 تىن ئارتۇق كىشى كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تېپىپ، ياخشى كىرىمگە ئىگە بولدى، نۇرغۇن ئائىلىلەر بىر ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئارقىلىق پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

  تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ياخشى- يامانلىقىغا قارىتا، كۇرسانتلارنىڭ ئەڭ بەك پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بار. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تەربىيەلەش مەركىزى «قانۇن، سىياسەت، ئىللىقلىق، مەدەنىيلىك»نى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى «نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا» ئىكەنلىكىنى تونۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارغا «تۇرمۇشنىڭ مۇشۇنداق مەدەنىي، ساغلام بولىدىغانلىقىنى» ھېس قىلدۇردى. بەزى ئايال كۇرسانتلار تويلىشىش قانۇنىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، توينىڭ قانۇنىي مەزمۇنىنى چۈشىنىپ، «قولىغا قانۇن قورالىنى ئېلىپ ئۆزىنى قوغداش»تەك ئاڭغا ئىگە بولدى. بۈگۈنكى ۋە ئۆتمۈشتىكى سېلىشتۇرمىدا، ئۇلار «ئاپەت ئېلىپ كەلگەن» دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىدىن تېخىمۇ نەپرەتلەندى، گۈزەل تۇرمۇشنى تېخىمۇ قەدىرلىدى.

  مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. نۇرغۇن چەت ئەللىك زاتلار شىنجاڭغا كېلىپ تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلىپ، كۇرسانتلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ھەقىقىي ئەھۋال ئالدىدا، ئۇلار تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ شىنجاڭ جەمئىيىتىگە ئاكتىپ كۈچ قوشقانلىقىنى ھېس قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەيدىغان پايدىلىق ئۇسۇللارنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بەس-بەستە بىلدۈردى، شۇنداقلا غەربتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ تۆھمەت قىلغانلىقىنى، قىلچە پاكىت ئاساسى يوقلۇقىنى، «سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن قارا چاپلىغانلىقى»نى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتى.

  تېررورلۇققا زەربە بېرىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش − دۇنياۋى قىيىن مەسىلە. كۆپ يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەت ياكى رايونلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تېررورلۇققا، ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ كونكرېت يولى ۋە چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە شىنجاڭدا تەربىيەلەش مەركىزى تەسىس قىلىپ، تېررورىزمغا زەربە بېرىش بىلەن ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بىرلەشتۈرۈش، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش ۋە قۇتقۇزۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بىخ ھالىتىدە يوقىتىش − جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېپىپ چىققان مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىدۇر.

  تەربىيەلەش مەركىزى قۇرۇش قاتارلىق ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش بولدى، يېقىنقى ئۈچ يىلدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، پۇقرالار خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، كىشىلەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت، تەدبىرلىرىنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلدى. مانا بۇ كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ئۈمىد.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ