مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى شەرەپ نام بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ شەرەپ نامغا ئېرىشكەن شەخسلەرگە تەقدىرنامە ۋە گۇۋاھنامە تارقاتتى، شەرەپ نامغا ئېرىشكەن ئورۇنلارغا لەۋھە تارقاتتى

2019.08.01 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ شەرەپ نامى بېرىش مۇراسىمى 31- چېسلا بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەرەپ نامغا ئېرىشكەن بىر شەخسكە تەقدىرنامە ۋە گۇۋاھنامە تارقاتتى، شەرەپ نامغا ئېرىشكەن ئۈچ ئورۇنغا لەۋھە تارقاتتى.

  1- ئاۋغۇست بىناسىنىڭ مۇراسىم نەق مەيدانىدا ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، كەيپىيات تەنتەنىلىك ھەم قىزغىن ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى مەيدانغا ھۆرمەت قەدەم بىلەن كىرىپ، قۇراللىق ئىككى تەرەپكە سەپ بولۇپ تېزىلدى، مۇراسىم باشلانغاندا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىرلىكتە يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ شى جىنپىڭ ئىمزالىغان مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىنى ئوقۇدى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  «مىنا تازىلاشتىكى قەھرىمان جەڭچى» شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم مىنا تازىلاش، پارتىلىتىش چوڭ ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى دۇ فۇگو ئايالىنىڭ ھەمراھلىقىدا سەھنىگە چىقتى، شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا قەھرىمان نەمۇنىچى مېدالىنى تاقىدى ۋە گۇۋاھنامىنى بەردى، ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاۋانگارت ئۇچقۇچىلار چوڭ ئەترىتى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسمى مەلۇم لۈسىنىڭ ئۇچقۇچىلار 1- چوڭ ئەترىتىگە، «ئالەم قاتنىشى ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى نەمۇنىلىك يەر يۈزى پونكىتى» شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن 63798- قىسىمنىڭ يەر يۈزى ئۈسكۈنە پونكىتىغا، «ئۇرۇش ئۈچۈن پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئاۋانگارتلىق» شەرەپ نامغا ئېرىشكەن 63837- قىسىمنىڭ مەلۇم ئىشخانىسىغا ئايرىم-ئايرىم لەۋھە تارقىتىپ بەردى.

  نام بېرىش مۇراسىمى ياڭراق ھەربىي مارش ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. شى جىنپىڭ شەرەپ نامغا ئېرىشكەن شەخس ۋە ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ