خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى:
1. لو جاۋخۇي جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛
سۈن ۋېيدۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.
2. لى چېن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛
جۇ جيەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.
3. جى يەنچى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرۇزىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛
لى يەن (ئايال) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرۇزىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.
4. ۋېي جىڭخۇا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛
گو مىن (ئايال) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.
5. جەي جۈەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكى، قوشۇمچە موناكو كىنەزلىكىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛
لۇ شايې جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكى، قوشۇمچە موناكو كىنەزلىكىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.
6. ما چاۋشۈ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛
جاڭ جۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى