مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇئەييەنلەشتۈرمەسلىك ھەقىقىي قاتىلنى خاتا تونۇپ قالغاندىن بەكرەك مۇھىم

2019.07.31 16:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۇزاقتىن بۇيان «خۇگجىلتۇ دېلوسىدىكى ھەقىقىي قاتىل» دېگەن بەلگە ئۇرۇلغان جىنايەتچى جاۋ جىخۇڭغا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، باسقۇنچىلىق جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى، ئوغرىلىق جىنايىتى ئۈچۈن قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى. گەرچە بۇ ھۆكۈم ۋە ئىجرا نەتىجىسى جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جاۋ جىخۇڭنىڭ خۇگجىلتۇ دېلوسىدىكى ھەقىقىي قاتىل ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەسلىك» توغرىسىدىكى قايتا تەكشۈرۈش كېسىمى يەنىلا ئاممىۋى پىكىرنىڭ خېلى چوڭ تالاش-تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  جاۋابكار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىقرار قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت پاكىتى قىلىپ بېكىتىلمىدى، بۇنداق ئاقىۋەتكە قارىتا نۇرغۇن كىشىلەر چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمەلىيەتتە، جاۋ جىخۇڭ دېلوسىدا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 1-، 2- سوتنىڭ ھۆكۈم - كېسىمىدە بېكىتكەن 21 جىنايەت پاكىتىدا، جەمئىي تۆت جىنايەت پاكىتىنى بېكىتمىگەن. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارىنىڭ ئالدى- كەينى ئوتتۇرىسىدا باشقا دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن نۇرغۇن بىردەك بولمىغان تەرەپلىرى مەۋجۇت، بەزى مۇھىم ئەھۋاللاردا ئۇنىڭ ئىقرارى بىلەن باشقا دەلىل-ئىسپاتلار ئوتتۇرىسىدا چۈشەندۈرۈش قىيىن بولغان زىددىيەتلەر مەۋجۇت. شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، ھەرقانداق بىر دېلودا ئېغىز ئىقرارىنىڭ ھەممىسى دېلوغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى، ئەمما دەلىل- ئىسپات سىستېمىسىنىڭ بىردىنبىر مەزمۇنى ئەمەس. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، جىنايەتنىڭ بار-يوقلۇقى پۈتۈنلەي «دېگەن-دېمىگەنلىكى»گە باغلىق ئەمەس، بەلكى مۇكەممەل دەلىل-ئىسپات زەنجىرىگە ئاساسلىنىش كېرەك. بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ، «پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات راست، تولۇق بولۇش» ئۆلچىمىگە يەتكەندىلا، ئاندىن قانۇن بويىچە جىنايىتى بار، دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، «خۇگجىلتۇ دېلوسى» نىڭ يېڭىباشتىن سوت قىلىنىپ، ھۆكۈمنىڭ ئۆزگەرتىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، خۇگجىلتۇنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ئەمەس، ھەرگىزمۇ جاۋ جىخۇڭنىڭ ئۆزىنى ھەقىقىي قاتىل، دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقى ئەمەس؛ جاۋ جىخۇڭنى خۇگجىلتۇ دېلوسىدىكى ھەقىقىي قاتىل دەپ بېكىتمەسلىكمۇ ئوخشاشلا دەلىل-ئىسپاتنىڭ راست، تولۇق بولمىغانلىقىدىن، ھەرگىزمۇ خۇگجىلتۇ دېلوسىنى يېڭىباشتىن سوت قىلىپ، خۇگجىلتۇنىڭ گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقى خاتا بولغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، «جاۋ جىخۇڭنى خۇگجىلتۇ دېلوسىدىكى ھەقىقىي قاتىل دەپ بېكىتمەسلىك» ۋە «ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىپ جاۋابكار خۇگجىلتۇنى گۇناھسىز، دەپ بېكىتىش» توغرىسىدىكى كېسىم، ھۆكۈمدە «گۇمانىي جىنايەتنى يوققا چىقىرىش»تىن ئىبارەت ئوخشاش بىر لوگىكىغا ئەمەل قىلىنغان، بۇ، قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىكى كونكرېت ئىپادىسى بولۇپ، دەلىل-ئىسپات ھۆكۈمى ۋە گۇمانىي جىنايەتنى يوققا چىقىرىش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئىلگىرىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان جىنايەتچىلەر كىشىنى قاتتىق نەپرەتلەندۈرىدۇ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ناھەق، يالغان، خاتا دېلولار كىشىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر مەھەل «ئۆلتۈرۈلمىسە خەلقنىڭ غەزىپى بېسىلماسلىق» كەيپىياتىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن، بۇ خىل ھېسسىياتنىڭ دەردىنى چىقىرىش، ئىككى قۇتۇپ قارىشى ھەرگىزمۇ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، رەزىللىكنى جازالاپ، ياخشىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىراگېدىيەدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قانۇن ئىدارە قىلىشنى شۇنچە چاقىرىش، قانۇن ئىدارە قىلىشنى شۇنچە ئېتىراپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەيلى جاۋ جىخۇڭ دېلوسىدىكى كېسىم بولسۇن ياكى خۇگجىلتۇ دېلوسىدىكى ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىش بولسۇن، ھەم ئېھتىياتچان، ئەستايىدىل بولۇش، ھەم قانۇن ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىشنى چاقىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قانۇن ئىدارە قىلىشقا ھۆرمەت قىلىش، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشتۇر، ھەرقانداق دېلودا بىپەرۋالىق قىلىشقا، شۇنداقلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇشقا بولمايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇ چۇجۈن دېلوسىدىن خۇگجىلتۇ دېلوسىغىچە، كۇنشەندىكى ئۆلتۈرىمەن دەپ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىدىن جاۋ جىخۇڭ دېلوسىغىچە بولغان تىپىك دېلولارنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ھەربىر پۇقرا ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ سىجىل قانۇنچىلىق تەربىيەسى دەرسى؛ ئەدلىيە ئورگانلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بار بولسا تۈزىتىش، يوق بولسا ساقلىنىش ئۈچۈن پايدىلىق ئەسكەرتىش. قانۇن ئىدارە قىلىشنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشتا، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قايتا-قايتا مۇزاكىرە قىلىشى، بىر-بىرلەپ ئومۇملىشىشى، ئاز- ئازدىن ئالغا بېسىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشىش يۆنىلىشى، شۇنداقلا قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، قانۇن ئىدارە قىلىش كەيپىياتى يارىتىشنىڭ مۇقەررەر يولى.

  جاۋجىخوڭ دېلوسىنى قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپى ئاخىرلاشتى. خۇگجىلتۇ دېلوسىدىكى ھەقىقىي قاتىل تېخى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىز بۇنىڭدىن قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدۇق. پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلغاندىلا، ھەر بىر دېلودا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ياقلاپ، قانۇن ئىدارە قىلىش كۈچىنى ھېس قىلالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ