مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ تۆمۈريولى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى يىل ئىچىدىكى 10-قېتىملىق تەڭشەش خەرىتىسىنى يولغا قويىدۇ

2019.08.07 15:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئاۋغۇست سائەت نۆلدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريولى يولۇچىلار پويىزى خەرىتىسىدە يىل ئىچىدىكى 10-قېتىملىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدىكەن، 8-ئاۋغۇست ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بارىدىغان سائەتلىك سۈرئىتى 160 كىلومېتىر كېلىدىغان «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىز قاتنايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى ياخشىلىنىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى خەرىتىدىكى تەڭشەشتە، شىنجاڭ تۆمۈريولى تارماقلىرى ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بارىدىغان «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىزدىن ئۈچ جۈپنى قاتناشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە C8802/3، C8804/1 قېتىملىق پويىز ئەتىگەندە يولغا چىقىپ، چۈشتە يېتىپ بارىدۇ؛ C8806/7 ، C8808/5 قېتىملىق پويىز چۈشتە يولغا چىقىپ، چۈشتىن كېيىن يېتىپ بارىدۇ، يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىرلا بېكەتتە توختايدۇ. C8806/7 قېتىملىق پويىزنىڭ پۈتۈن مۇساپە ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولۇپ، پەقەت 3 سائەت 38 مىنۇت كېتىدۇ، ئەسلىدىكى «جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى»نىڭ پۈتۈن مۇساپە ۋاقتىغا قارىغاندا 15 مىنۇت قىسقىرايدۇ؛ C8810/1، C8812/09 قېتىملىق پويىز چۈشتىن كېيىن يولغا چىقىپ، كەچتە يېتىپ بارىدۇ. ئۈچ جۈپ «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىز ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتنايدىغان «جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى» شەھەرلەر ئارا پويىزىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، ھازىر بار بولغان «جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى» ناملىق ئالاھىدە تېز پويىز قاتناشتىن توختايدۇ.

  كېيىنكى قەدەمدە، تۆمۈريول تارماقلىرى پويىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى سەپلىنىشىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچىدىن غۇلجا، كۈيتۈن، شىخو قاتارلىق يۆنىلىشتىكى «گۈللىنىش» ناملىق سائەتلىك سۈرئىتى 160 كىلومېتىرغا يېتىدىغان ئوق پويىزنى قاتناشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كۈندىلىك، ھەپتە ئاخىرىدىكى ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىدىن 14.5 جۈپنى كۆپەيتتى ھەمدە 33 جۈپ يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش لىنىيەسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇردى.

  بۇنىڭدىن باشقا، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىن تۇرپان شىمالى بېكىتى، پىچان شىمالىي بېكىتى، تۇرپان-قۇمۇل، قۇمۇل ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئوق پويىزىنى كۆپەيتىدۇ ھەمدە ئۈرۈمچىدىن كورلا، شىخەنزە، غۇلجا، بېيتۇن-قورغاس ئارىلىقىدىكى ئادەتتىكى سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىدۇ.

  خەرىتە تەڭشەلگەندىن كېيىنكى بارلىق پويىز بېلىتى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ ئىنتېرنېت تورى، تېلېفون، ۋوگزال ۋە ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرىنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكى ۋە بېلەت سېتىش ماشىنىسى ئارقىلىق سېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
  
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ