مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يېڭى پىلانىنى تۈزۈپ بەردى

2019.08.05 13:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر 8-ئايدا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ بەش يىللىقى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشتا زور نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇندىن كېيىن ئىنچىكە، تەپسىلىي پىلاننى بىرلىكتە ياخشى تۈزۈش كېرەك دېدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ يېتەكلىشى ئارقىسىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ ۋە ئەمەلىي بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ ئۈزلۈكسىز قەدەم تاشلىدى.

  بۇ يىل 4-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچقۇرۇن، يەنچى كۆلى بويىدا 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان رەئىس شى جىنپىڭ شەھەر ئىچىگە قايتىپ، خەلق سارىيىدا ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتى بىلەن كۆرۈشتى. كونتى مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن باش مەقسەتلىك نۇتقى ۋە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، يۈكسەك ئىستراتېگىيە خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەن، بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ دۇنياغا بولغان زور پايدىسىنى ئېنىق تونۇۋالالايدۇ دەپ قارىدىم.

  بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىللىق تۇنجى زىيارىتىدە ئىتالىيەگە باردى، ئۇ زۇڭلى كونتى بىلەن ماداما داچىسىدا سۆھبەتلەشكەندە، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئىككى ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشى تامامەن توغرا دېدى. كونتى بىز تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا قاتناشقانلىقىمىزدىن بەك خۇشال، ئىتالىيە بۇ ئارقىلىق يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالىغان دۆلەت بولۇپ قالدى دېدى.

  بۇ يىل 4-ئايغىچە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى ئارقىسىدا، 150 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن ئىبارەت ئۇلۇغ پىلان بارغانسېرى ھاياتىي كۈچكە تولدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ چوڭ دۆلەتنىڭ داھىيسى سۈپىتىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى ھەم ئۆزگىچە ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىش ۋە ئەمەلىي بولۇشقا قاراپ يېتەكلىدى. 3-ئايدا فىرانسىيەدە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى 3-تەرەپ بازىرى ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئالماشتۇرۇشقا بىرلىكتە گۇۋاھ بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق تىرىكىنى بىرلىكتە بەرپا قىلدى.

  6-ئاينىڭ بېشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ سانكىت-پېتىربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا قاتناشقۇچى تەرەپلەر تارىختىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» كاتېگورىيەسىدىن بەكلا ھالقىپ، بۇ تەشەببۇسنىڭ قۇدرەتلىك مۇجەسسەملەش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى، پەقەت جۇڭگونىڭلا ئارزۇسى ئەمەسلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى.

  6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى ئوساكا باشلىقلار يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى-تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ رىشتىسىنى چىڭىتىپ، ئاشۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قويۇۋېتىپ، بازارنى تۇتاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە رايونلارنى ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشقا يۇغۇرۇپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنىڭ داغدام يولىدا بىرلىكتە مېڭىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭ قەيەرگىلا بارسا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ شەرق شامىلى، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش ئىدىيەسى، ئەمەلىي ھەمكارلىق مېۋىلىرى شۇ يەرگىچە يېتىپ باردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۆزى پىلانلىشى ئارقىسىدا،«بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش پىلانىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ئورنىتىلىپ بولدى.

  بۇ يىل 4-ئايدا، بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرىنىڭ بىرى بولغان «بىر بەلباغ، بىر يول» چوڭ ئائىلىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىلىشىنى كۈتۈۋالدى، بۇمۇ جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئەڭ مۇھىم ساھىبخان دىپلوماتىيەسى بولدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: خىزمەتداشلار، دوستلار، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى-دىققەتنى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن تۈرلۈك خىيىم-خەتەر، خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭ 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتقىدا، بىز تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھىرلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئېچىۋېتىش، يېشىل، پاك بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

  مۇنبەر مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان 39 چەتئەل تەرەپ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر كۈندە ئۇدا 14 رەھبەر بىلەن كۆرۈشۈشتەك يېڭى رېكورتنى ياراتتى.

  رەئىس شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان جۇڭگو لايىھەسى مۇنبەرگە قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. چىلى زۇڭتۇڭى پىنېرا رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى-قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شانلىق تارىخىنى قايتا نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردە دۇنيانىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى دېدى؛ پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دېسوزا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايمىز، جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپچىلىكنى بىرلىكتە قوغداش، ئەركىن سودىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز دەپ قارىدى. ئەينى چاغدىكى گىرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراس بۇ-بىر ئۇلۇغ تەشەببۇس بولۇپ، ھەم جۇڭگونىڭ قەدىمكى پەلسەپىسىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئۆز ئىچگە ئالغان ھەم دۇنيانىڭ ئىستىقبالىغا بولغان تەپەككۇر بىلەن تويۇنغان دېدى.

  39 چەتئەل تەرەپ رەھبىرى، 150 دۆلەت، 92 خەلقئارا تەشكىلات، ئالتە مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىك مېھمان بېيجىڭغا جەم بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنىڭ چاقىرىق كۈچى، ھەمكارلىقنىڭ جەلپكارلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. ھەر قايسى تەرەپلەر ھاسىل قىلغان 283 تۈرلۈك ئەمەلىي نەتىجە-«بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، پۈتۈن دۇنياغا پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان تىنچ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھى-بۇ يىللىق باشلىقلار يىغىنىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش دوستلار چەمبىرىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقى، ياخشى شېرىكلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى، ھەمكارلىق سۈپىتىنىڭ بارغانسېرى ئۆسۈۋاتقانلىقى، تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت تېخىمۇ ئېنىق سىگنالنى چىقاردى.

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، ھەمكارلىق ئۇرۇقىنى بىرلىكتە چېچىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەڭ قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ بەختلىك، دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلايلى!#
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ