خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى قاتارلىق ئاپپاراتلار يېقىندا بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق ئەھۋالى» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادا ئاچارچىلىقتا قالغان ئاھالە يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن، 2018- يىلىغىچە دۇنيا بويىچە ئاشلىق يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن ئادەم سانى821 مىليون 600 مىڭغا يەتكەن. ب د ت نىڭ 2030- يىللىق سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى «ئاچارچىلىقسىز» بولۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نۆۋەتتە غايەت زور خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۇ كەسكىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا مۇھتاج.
بۇ يىلقى دوكلاتقا تۇنجى قېتىم «ئوتتۇراھال ياكى ئېغىر دەرىجىدە ئاشلىق بىخەتەرلىكى»دىن ئىبارەت يېڭى تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى كىرگۈزۈلگەن. دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، دۇنيادا جەمئىي 2 مىلياردتىن ئارتۇق ئادەم مۇشۇ ھالەتتە تۇرىدىكەن. بۇلاردىن مۇتلەق كۆپ قىسمى تۆۋەن كىرىملىك ۋە ئوتتۇرا ھال كىرىملىك دۆلەتلەردە ياشايدىكەن. ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى داسىلۋا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن دۇنيادا ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇس يېقىنقى 10 يىلدا سىجىل تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا شىددەت بىلەن كۆپەيگەن. دۇنيا بويىچە ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە كۆرۈلگەن توختاپ قېلىش ۋە چېكىنىش بىزگە ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، ئەگەر 2030- يىلىدىن بۇرۇن «ئاچارچىلىقسىز» بولۇشتىن ئىبارەت سىجىلچان تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولساق، بىز چوقۇم تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى قوللىنىشىمىز كېرەك.
ئۆتكەن ئۈچ يىلدا دۇچ كەلگەن ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ ئومۇمىي ئادەم سانى 100 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، تەسىرگە ئۇچرىغان دۆلەت ۋە رايونلار تېخىمۇ كېڭەيمەكتە.
ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، گەرچە دۇنيا بويىچە ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇسنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا سىجىل تۈردە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن، مۇتلەق ئادەم سانىدىن قارىغاندا، 2018- يىلى دۇنيا بويىچە ئاچ قالغان ئادەم سانى 821 مىليون 600 مىڭغا يەتكەن. دېمەك، ئۇ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇدا ئاشقان.
ئوخشىمىغان رايونلاردىن قارىغاندا، ئافرىقىنىڭ ئەھۋالى كىشىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدۇ. 2018- يىلى ئافرىقىنىڭ ئاچارچىلىق سەۋىيەسى ئۆرلەپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر بولغان. بۇلتۇر غەربىي ئافرىقا ۋە ساھىل رايونىدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك نىسبىتى 2012- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر دەرىجىگە يەتكەن، 6 مىليونغا يېقىن ئامما ئاچارچىلىققا، 1 مىليون 600 مىڭ بالا ئېغىر ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن.
ب د ت نىڭ يەنە بىر «2019- يىللىق دۇنيا بويىچە ئاشلىق كىرىزىسى دوكلاتى»دىمۇ كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى جەمئىي 29 مىليون ئادەم كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. بۇلاردىن مۇتلەق كۆپ قىسمى ئافرىقىدا ئولتۇراقلاشقان.
لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب رايونىدا ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇسنىڭ نىسبىتىمۇ ئاستا-ئاستا ئاشتى، لېكىن، %7تىن تۆۋەن بولدى؛ جەنۇبىي ئاسىيا رايۇنلىرىنىڭ ئاچارچىلىقنى تۈگىتىش خىزمىتى ئۆتكەن بەش يىلدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن، %15كە يېقىن نوپۇس يەنىلا ئاشلىق مەسىلىسىدە خەتەرلىك ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن نوپۇسنىڭ سانى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
بۇ يىلقى دوكلاتقا تۇنجى قېتىم «ئوتتۇراھال ياكى ئېغىر دەرىجىدە ئاشلىق بىخەتەرلىكى»دىن ئىبارەت بۇ يېڭى كۆزىتىش كۆرسەتكۈچى كىرگۈزۈلدى. بۇ، «ئاچ قېلىش ھالىتى ھېسابلىنىشى ناتايىن بولسىمۇ، لېكىن، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىقتەك ئېغىر خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كەلگەن» كىشىلەر توپى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ. بۇ كۆرسەتكۈچنى كىرگۈزۈش ئاچارچىلىق ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئەھۋالىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە باھالىيالايدۇ. دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، دۇنيا بويىچە جەمئىي 2 مىلياردتىن ئارتۇق ئادەم مۇشۇ ھالەتتە تۇرىدىكەن. بۇلاردىن مۇتلەق كۆپ قىسمى تۆۋەن كىرىملىك ۋە ئوتتۇرا ھال كىرىملىك دۆلەتلەردە ياشايدىكەن.
ب د ت نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، ئاشلىق كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن ئومۇمىي ئادەم سانى 100 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، تەسىرگە ئۇچرىغان دۆلەت ۋە رايونلار كېڭەيمەكتە. مۆلچەرلىنىشىچە، 2019- يىلى يەمەن، كونگو، ئافغانىستان، ئېفىئوپىيە، سۇرىيە، سۇدان، جەنۇبىي سۇدان ۋە نىگېرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كىشىلەر يەنىلا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر دەرىجىدىكى ئاشلىق كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، يۇقىرىقى دۆلەتلەردە نۇرغۇن نوپۇسنىڭ ئاشلىق مەسىلىسى جىددىي ھالەتتە بولۇپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كۈنسېرى ئېغىرلىشىدۇ ياكى ئۆلۈپ كېتىدىغانلار كۆپىيىدۇ.
كىلىمات ئۆزگىرىشى، رايون توقۇنۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىشى دۇنيادا ئاچارچىلىقتا قالغان نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل.
داسىلۋا مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى ئاچارچىلىق نوپۇسىنىڭ سانى ئاشتى، بۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە كىلىمات ئۆزگىرىشى، رايون توقۇنۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىشى قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى