مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ خۇنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە نامايان قىلىش كېرەك

2019.07.26 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 23-ئىيۇلدىن 25-ئىيۇلغىچە خۇنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆڭۈلگە، ئەمەلىيەتكە يۈزلەندۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي بايقاپ، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە نامايان قىلىش كېرەك.

  خۇنەن شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە، قىزىل بايلىقى مول. لى جەنشۇ خۇنەن ئۆلكىلىك 1-پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ كونا ئورنىغا كېلىپ، ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ بۇ يەردە ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ۋە ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەمىزنىڭ 98 يىللىق شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچتا ئىزچىل بولۇپ كەلدى، ئۇ دەل جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشتۇر. ئىنقىلابىي ئەنئەنىۋى بايلىق − پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، ئۇنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە، ئىنقىلابىي روھقا ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش ۋە قەتئىيلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ