مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش لازىم

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2019.07.26 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى زىممىگە ئالغانلىقىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى. ئىسلاھات قانچىكى چوڭقۇرلاشقانسېرى مەسئۇلىيەتنى شۇنچە زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، قەدەمنى پۇختا، تېز ھەم سىلىق ئېلىش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك، توختاپ قالىدىغان، ئارام ئېلىۋالىدىغان ھەرقانداق بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تۇراقلىشىپ قالغان مەنپەئەت توسۇقىنى تۈگىتىپ، تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇۋاتقان تۈزۈلمە-مېخانىزمدىكى نۇقسانلارنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «دۆلەت پەن-تېخنىكا ئېتىكىسى كومىتېتى قۇرۇش لايىھەسى»، «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «يېزا جامائەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش، قوغداش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» ، «سەددىچىن سېپىلى، بۈيۈك قانال، ئۇزۇن سەپەر دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇلۇشى لايىھەسى»، «دۆلەت زېمىنى بوشلۇقى يىرىك پىلانىدا ئۈچ تىزگىنلەش لىنىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بېكىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «تور ئۇنىۋېرسال تۈزەش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «شېنجىندا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك باشلامچى ئۈلگە رايونىنى يولغا قويۇشنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «جۇڭگو-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەرلىك ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ