لى كېچياڭ مەملىكەتلىك ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
چوڭ سەھىيە، چوڭ ساغلاملىق ئىدىيەسى ۋە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك
سۈن چۈنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
2019.07.26 17:03 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 25-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاۋامنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى بېيىتىش دۆلەت ۋە خەلققە پايدىلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار، تارماقلار خەلقنىڭ ساغلاملىق سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېببىي دورا-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭ سەھىيە، چوڭ ساغلاملىق ئىدىيەسى ۋە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە تارماقلار ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇشىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ساغلاملىق بىلىملىرىنى كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇپ، شەخسلەر ۋە ئائىلىلەرنى ساغلاملىق ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، «كېسەلنى داۋالاشنى مەركەز قىلىش»تىن «خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىش»قا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلاملىق ساپاسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە تېخىمۇ ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈن چۈنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساغلام جۇڭگو قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليۇرۇق تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، بىرىكمە كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ