مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ تانزانىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى نېدۇگاي بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.07.29 09:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا تانزانىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى نېدۇگاي بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: 2013-يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ تانزانىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن تانزانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋەت دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن، زىيارەت داۋامىدا ئافرىقىغا ھەقىقىي، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش سىياسەت ئىدىيەسى ۋە توغرا مەنپەئەت قارىشىنى تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغان. جۇڭگو تانزانىيەنىڭ ئۆز ئۆزىگە ئىگە بولغان ھالدا دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىشىنى قوللايدۇ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە، تانزانىيەنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى پائال قوللاش ۋە قاتنىشىشنى خالايدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن تانزانىيە تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرماقتا. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تانزانىيە خەلق پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇش بىلەن تانزانىيەنىڭ 2025-يىللىق دۆلەت تەرەققىيات ئارۇزىسىنى ئۇلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قوللايدۇ، قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگونىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۆز ئۆزىگە ئىگە بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈش. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تانزانىيە خەلق پارلامېنتى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر، مەخسۇس كومىتېتلار، دوست گۇرۇپپىلار قاتارلىق ھەر قايسى قاتلامدىكىلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ ۋە يەرلىكلەرنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ چۈشىنىشى ۋە دوستلۇق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاشنى خالايدۇ.

  نېدۇگاي مۇنداق دېدى: تانزانىيە جۇڭگونىڭ تانزانىيە دۆلىتى ۋە خەلقىگە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىنى ئاۋۋالقىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ. تانزانىيە جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر بەلباغ بىر يولنى تەڭ قۇرۇش رامكىسىدىكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. تانزانىيە خەلق پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ