مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئاساسىي مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بەرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

كۈچەپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ۋە ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان ئاساسىي مائارىپنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

سۇن چۈنلەن مەملىكەتلىك ئاساسىي مائارىپ خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2019.07.30 15:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىلى كېچياڭ يېقىندا ئاساسىي مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بەردى. يوليۇرۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاساسىي مائارىپ ھەربىر ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان ئاساسىي مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. مائارىپ مەبلىغى بايلىقىنى ياخشى تەقسىملەپ، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەزى جايلارنىڭ «ئوقۇش قىيىن بولۇش» ۋە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلىپ، شەھەرگە كىرگەن خادىملارنىڭ بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشى ۋە باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسىي مائارىپنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ياخشى باشقۇرۇپ، «يەسلىگە كىرىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. «ئالاقە تورى + مائارىپ»نى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتۇش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ تۈرلۈك بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بىخەتەر، ئاتا-ئانىلار خاتىرجەم بولىدىغان مەكتەپ مۇھىتى يارىتىپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتنى ئاساسىي مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇنى قوللاشقا، كەلگۈسىگە ئورتاق ئۈمىد باغلاشقا يېتەكلەش كېرەك.

  گوۋۇيۈەن 29-ئىيۇل مەملىكەتلىك ئاساسىي مائارىپ خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليۇرۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساسىي مائارىپنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، مائارىپ سەۋىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش ئاساسىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ