مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات مەسىلىسى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مىللىي مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك

2019.07.26 14:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى 25- ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش ئومۇمىيىتىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، مىللەتلەر بىردەك باراۋەر بولۇشتا، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتا ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش نەتىجىسىدە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز يېڭى ئەۋزەللىككە ئىگە بولدى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھالقىش ئەمەلگە ئاشتى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق سەھىپىلەر يارىتىلدى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيىنىڭ مىللەت نەزەرىيىسى ۋە فاڭجېن-سىياسەتلىرى توغرا، مىللىي مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش يولىمۇ توغرا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ