مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تۇنىس زۇڭتۇڭى ئېسسېبسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنىسنىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى ناسىرغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

2019.07.29 09:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن تۇنىس زۇڭتۇڭى ئېسسېبىسنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنىسنىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى ناسىرغا تەزىيە تېلېگراممىسىي يوللىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم شەخسەن ئۆز نامىدىن زۇڭتۇڭ ئېسسېبىسنىڭ ۋاپادىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى، زۇڭتۇڭ ئېسسېبىسنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە تۇنىس خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ ئېسسېبىسى تۇنىسنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيونى. ئۇ تۇنىس خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن تۈرلۈك خىرىسلارنى تىرىشىپ يېڭىپ، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. زۇڭتۇڭ ئېسسېبىسى ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو-تۇنىس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقان. جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، تۇنىس بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئېسسېبىسىنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنىس زۇڭلىسى شەھىدغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ، تۇنىس ھۆكۈمىتىگە قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى، زۇڭتۇڭ ئېسسېبىسىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ