7-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشىچىلار ئۇيۇشمىسى ئورگىنىدا تەكشۈرۈش تەتقىقاددا بولدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزىرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتىماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ باش ئورگاننىڭ باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە قسىمەن كادىرلار ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشتا ئەڭ مۇھىمى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە كۈچ سەرىپ قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى تۆت ئاڭنى كۈچەيتىش، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىش، ئىككىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قەتىئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشكە يېتەكلەش كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە نىشان ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى كۈزىتىش، ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ سىياسىلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىيلىقىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىشچى خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ چىقىپ، يىلتىزىدىن، مەنبىيىدىن قېزىپ چىقىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان 8 جەھەتتىكى مەخسۇس تۈزىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، ئاساسى قاتلام ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەر مەركەزلىك ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقى ھەل قىلىش كېرەك، تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دوڭمىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ