مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ باش تېما تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلدى

2019.07.29 09:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ تۈنۈگۈن دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدا، «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى، سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم سۆز قىلدى. خەن جېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش-يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىر تۇتاش پىلانلاپ چىقارغان زور ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تۆت جايىدا بولۇش» تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تۆت ئاڭنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىككىنى قوغداپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، «ئەسلى مەقسەتنى چىڭ ساقلاش، بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش» باش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم؛ ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆز ئارا يۇغۇرۇپ تۇتاشتۇرۇش، ھەقىقىي ئىشەنچ باغلاپ جان-دىل بىلەن ئادا قىلىش كېرەك؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇملۇقىنىڭ يۈكسەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، چوڭ يۈزلىنىشنى تەھلىل قىلىپ، چوڭ ئىستراتېگىيەنى تەتقىق قىلىپ، چوڭ سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، چوڭ تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم. مەسىلە تەكشۈرۈشتە، ئەمەلىي ئىزدەپ، چوڭقۇر قېزىپ، ھەم سىياسىي، ئىدىيە، ئىستىل قاتارلىق تەرەپلەردىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ھەم ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىش كېرەك. تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئۈزۈل-كېسىل جايىدا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ياخشى ھەل قىلىش لازىم. ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى كەسپىي خىزمەتكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.ئ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ