■ ھەربىي سىياسەت-تۈزۈم بولسا، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، ھەربىي سىياسەت-تۈزۈم ئىسلاھاتى بولسا، ئارمىيەمىزگە قارىتىلغان بىر قېتىملىق تۈزۈم خاراكتېرلىك قايتا قۇرۇش بولۇپ، ئۇ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش، خەلق ئارمىيىسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، سىستېما توپلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 30- ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ھەربىي سىياسەت-تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا 16- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۇيۇشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەربىي سىياسەت-تۈزۈم بولسا، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، ھەربىي سىياسەت-تۈزۈم ئىسلاھاتى بولسا، ئارمىيەمىزگە قارىتىلغان بىر قېتىملىق تۈزۈم خاراكتېرلىك قايتا قۇرۇش بولۇپ، ئۇ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش، خەلق ئارمىيىسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، سىستېما توپلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى 1- ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى ۋە زاپاس خادىملارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى !
ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى يولداش تەن يادۇڭ ھەربىي سىياسەت-تۈزۈم ئىسلاھاتى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەمدە پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ