مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلىش» كالتىكىنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىكى نىيىتى قارا ھەم رەزىل

جىن دۇپىڭ

2019.08.08 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر تار كوچىغا قىستاش ۋاسىتىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئاللىقاچان ئۇچىغا چىقتى! جۇڭگونىڭ ماللىرىغا تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش پىلانى ئەمەلگە ئاشماي، يەنە «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت» دېگەن ۋىۋىسكىنى ئېسىپ قويدى. 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ئەمدىلا «7»نى بۇزغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر سەكرەپ چىقىپ، تېزدىن جۇڭگونى «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت» قاتارىغا كىرگۈزۈپ، زومىگەرلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكا ئۈزلۈكسىز «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلىش» دېگەن ئەيىبلەش نامى بىلەن جۇڭگوغا تەھدىت سېلىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى كونا مۇقامنى تەكرارلاشتا، ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلىشىدە ھېچقانداق يېڭىلىق يوق. ئەگەر ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىكى قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشتا، ئامېرىكا تەرەپ پايدىلىنىش ئۆلچىمى ۋە قۇراشتۇرغان ئاتالمىش دەلىل-ئىسپاتلارنى ئاز-تولا تاپقان بولسا، ئۇنداقتا بۇ قېتىم ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىراقلا يالاڭئاياغ جەڭگە چىقىپ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئۆزى تۈزگەن ئاتالمىش «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت» ئۆلچىمىگىمۇ قارىماي، بىۋاسىتە قارىغۇلارچە قالپاق كىيگۈزۈپ، بەلگە چاپلاپ، ھەتتا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش پوزىتسىيەسىدىن ئاتالمىش «كونترول قىلىش» دەلىل-ئىسپاتىنى تېپىشقا ئۇرۇندى، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ «تەسەۋۋۇرغا ئىنتايىن باي» ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ جۇڭگونى چەكلەش، بېسىشتىكى رەزىل نىيىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاشكارىلىدى.

  ئامېرىكا قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتەك خەتەرلىك ھەرىكەتنى قوللىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەيران قالدۇردى. گەرچە ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر ھىيلە- نەيرىڭىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى كونا قېلىپ بىر خىل بولۇپ، داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، تەھدىت سېلىپ، قاقتى-سوقتى قىلىپ، جۇڭگونى بويسۇنۇشقا قىستاپ، ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ ئەكېلىش ئۈچۈن مەجبۇرلاشتۇر. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «بەلگىلىمىسى» بويىچە، ئەگەر «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت» دەپ بېكىتىلسە، ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش، ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە دەۋەت قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلىش» كالتىكىنى ئىلگىرى ئامېرىكا قايتا-قايتا ئىشلەتكەن، مەيدان كېلىشىمىدىن تارتىپ لوۋېر سارىيىغىچە بولغان كېلىشىملەرنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىگە كۈچلۈك ئارىلاشقانلىقىنىڭ پولاتتەك دەلىلى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ بۇنداق مۇتتەھەم، ئۆز بېشىمچى بىر تەرەپلىمىلىك ۋە قورۇقچىلىق قىلىشى، ئۆزىنى تارتالماسلىقى ھەم ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلىق، ھەم گۆدەكلەرچە كۈلكىلىك ئىش. تاشقى بېسىم ئالدىدا، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىشىنى، جۇڭگونىڭ چوڭ-چوڭ پىرىنسىپال مەسىلىلەردە سودا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشى بۇ پۈتۈنلەي جۆيلۈگەنلىك!

  پاكىتقا پىسەنت قىلماي، جۇڭگوغا «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت» دېگەن بەلگىنى چاپلاپ قويدى، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر ئىقتىسادىي جەھەتتە پايدا ئېلىشنى ئويلىغاندىن باشقا، يەنە يۇندى چېچىش، پۇتلىكاشاڭ قىلىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئوبرازىغا داغ تەككۈزمەكچى بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى سىجىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى، جۇڭگو دۇنيا بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كەڭ ھۆرمىتى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى، خەلقئارادىكى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىچى تىتىلداپ، ئولتۇرالماي قالدى، «بازار ئىگىلىكىدىن باشقا گەۋدە»، «دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە رىئايە قىلمىدى»، «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىدى» . . . ئۇلار ئۈزلۈكسىز پاسسىپ «سىگنال» تارقىتىپ، جۇڭگوغا تۈرلۈك قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلدى. بۇ قېتىم جۇڭگوغا «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت» دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈشتە، ئۇلارنىڭ يەنە بىر مۇددىئاسى بار، ئۇ بولسىمۇ بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونى چەكلەش، ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتى ئاشكارىلاندى، ئۇلارنىڭ بۇنداق سۇيىقەست ۋە ھىيلە-مىكىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ