شى جىنپىڭ كولومبىيە زۇڭتۇڭى دۇك بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.08.01 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 31- ئىيۇل خەلق سارىيىدا كولومبىيە زۇڭتۇڭى دۇك بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 40 يىل ئىلگىرى كولومبىيە ھۆكۈمىتى ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش قارارىنى چىقاردى، زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ دادىسى شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى بولۇپ، بۇ تەدبىرنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىنىش پەيتىگە شاھىت بولدى. بۈگۈن جۇڭگو بىلەن كولومبىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقى سىز بىلەن مېنىڭ قولۇمغا يەتكۈزۈلدى. بۇ قېتىم سىز جۇڭگوغا مەخسۇس زىيارەتكە كەلدىڭىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن كولومبىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پائال كۈچ چىقارغانلىقىڭىزنى ئىپادىلىدىڭىز، مەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيمەن. جۇڭگو كولومبىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى چۆرىدەپ، كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى ئورتاق پىلانلاپ، جۇڭگو-كولومبىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايمەن.'

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ