مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، ساقچى ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ بۇيرۇق چۈشۈردى ھەمدە ئۇنۋان بېرىلگەن ئوفىتسېرلارنى تەبرىكلىدى

2019.08.01 15:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، ساقچى ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى 31-ئىيۇل بېيجىڭ «1-ئاۋغۇست» بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، ساقچى ئۇنۋانى ئالغان ئوفىتسېرلارغا يازما بۇيرۇق چۈشۈردى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، ساقچى ئۇنۋانى بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇپ ئۆتتى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بۇ قېتىم شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، ساقچى ئۇنۋانى ئالغان ئوفىتسېرلار تۆۋەندىكىچە: ھەربىي كومىتېت جابدۇق تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شاڭفۇ، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى يۈەن يۈبەي، غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋۇ شېجۇ، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى فەن شياۋجۈن، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى جۇ شېڭلىڭ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى شېن جىنلۇڭ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى چىن شېڭشياڭ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى دىڭ لەيخاڭ، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ خې، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ سىياسىي كومىسسارى ئەن جاۋچىڭ.

  شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، ساقچى ئۇنۋانى ئالغان 10 ئوفىتسېر رەتلىك، روھلۇق ھالدا رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا يازما بۇيرۇق بەردى ھەمدە ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، تەبرىكلىدى. شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، ساقچى ئۇنۋانى پاگونى تاقىغان 10 ئوفىتسېر شى جىنپىڭغا سالام بەردى، مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەردى، مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ياڭراق ھەربىي مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، ساقچى ئۇنۋانى ئالغان ئوفىتسېرلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ