مەخسۇس زىيارەت: «مېنىڭ شىنجاڭدا كۆرگەنلىرىم غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلغانلىرى بىلەن تۈپتىن قارىمۇقارشى»- تۈركىيە «نۇر گېزىتى»نىڭ باش دىرېكتورى ئاكوچىنى زىيارەت قىلىش

2019.08.12 14:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە «نۇر گېزىتى»نىڭ باش دىرېكتورى تۇنچ ئاكچى يېقىندا ئىستانبۇلدا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، بۇ يىل 7- ئايدا، ئۇ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى زىيارەت قىلدى، «مېنىڭ شىنجاڭدا كۆرگەنلىرىم غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىش ئەھۋالى بىلەن تۈپتىن قارىمۇقارشى»، دېدى.

  7- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو-چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغا كىرىش» تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاكچى جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئىتالىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ياپونىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تاراتقۇلار بىلەن بىللە شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدا چوڭقۇر زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇردى.

  بەزى غەرب تاراتقۇلىرى شىنجاڭ ھەققىدە يالغان خەۋەرلەرنى بەردى. ئاكچى شىنجاڭدا غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلغانلىرى بىلەن تۈپتىن قارشى ئەھۋالنى كۆرگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

  ئاكچى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ رايونىدا بىر خىل تىنچ ۋە ئىناق مەنزىرە نامايان بولىدىكەن، مەنچە شۇ جايدىكى ئامما تىنچلىقنى سۆيىدۇ. بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرى مەزگىلىدە، ئۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن بىللە شىنجاڭ شەھەر كوچىلىرىدا ئەركىن سەيلە قىلىپ، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن خالىغانچە پاراڭلاشتى، مۇخبىرلار يەنە خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ، تۇرمۇشىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆردى.

  ئاكچى شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش مەزمۇنىنىڭ پەقەت ئىشلەش ۋە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىشلا ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ «ھەقىقىي ئىجتىمائىي پائالىيەت»گە قاتنىشىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كەچلىك بازار، يىغىلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ساز چالالايدىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ كوچىدا لەرزان ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  ئاكچى مۇنداق دېدى: ئۇ كەسىپداشلىرى بىلەن شىنجاڭدىكى ئىككى كەسپىي ماھارەت تەلىم ـ تەربىيە مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، مۇخبىرلار بۇ تەربىيەلەش مەركىزىدە ئەركىن ھەركەت قىلىپ، يەنە 30غا يېقىن كۇرسانت بىلەن پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىجتىمائىي مۇقىملىقىدا شۇ جايدىكى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ بۇنىڭدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىدىن بولغان.

  ئاكچىنىڭ قارىشىچە، بۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە «قالتىس زامانىۋىلاشتۇرۇش» بارلىققا كەلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە 20گە يېقىن كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەربىر كۇرسانت بىر ئەمەلىي كەسپىي ماھارەت ئۆگىنەلەيدىكەن، كۇرسانتلار يەنە قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنەلەيدىكەن. تەربىيىلەش مەركىزىدە ئۆگىنىش ئارقىلىق كۇرسانتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى زور دەرىجىدە ئاشىدىكەن.

  ئاكوچى يەنە ئۆزىنىڭ كەسىپداشلىرى بىلەن بىرگە ئۈرۈمچى، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، شۇ جايدىكى بەزى يېڭى تەرەققىيات تۈرلىرىنى ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتتى. جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلدى، شۇ جايدا، كەڭ كۆلەملىك تەرەققىيات مۇساپىسى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ