مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرنى دەۋر تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرۇش

ساۋ دۈن

2019.08.09 17:48 مەنبە: خەلق تورى

  ھازىر رېئالىزم بارا-بارا ئىجادىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندى. مەن چۈشىنىمەن، رېئالىزم بىر خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلى، شۇنداقلا بىر خىل ئىجادىيەت ئىدىيەسى. ئىجادىيەتچى بەدىئىي ئىجادىيەتتە «تۇرمۇشتىن كېلىدۇ، تۇرمۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۇرمۇشتىن ھېكايە ئارقا كۆرۈنۈشى، ۋەقەلىك جەريانى، پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى ئىزدەپ، ئامما ۋە دەۋر بىلەن سۆھبەتلىشىش يولىنى بەرپا قىلىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر سېھرىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، قىممىتىنى يەتكۈزەلەيدۇ، ئادەمنى ھەقىقىي جەلپ قىلغىلى، تەسىرلەندۈرگىلى ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ.

  2000-يىلى مەن باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «مەن قالتىس» ناملىق كىنونىڭ سېنارىستى بولۇپ، ئىجادىيەت ساھەسىگە رەسمىي كىردىم. كېيىن مەن سۈرەتكە ئېلىش يېتەكچىسى، رېژىسسور بولۇشقا باشلىدىم، كۆپىنچە رېئال تۇرمۇش تېمىسىدىكى كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىجاد قىلدىم. مەسىلەن، «مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغان 33 كۈن» دېگەن كىنودا باش پېرسوناژنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن تارتىپ، چۈشكۈنلۈكتىن چىقىپ كېتىشىگىچە بولغان جەرياننى بايان قىلىش ئارقىلىق، ياشلارنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدىكى ھېكايىلەر ئارقىلىق، ئۇلارنى ھېسسىيات جەھەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، قەلب جەھەتتىكى ئىنتىلىشىنى ئاكتىپ قوغلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇلغان. «يالىڭاچ توي دەۋرى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مەركىزىي شەھەر ياشلىرىنىڭ تويدا دۇچ كەلگەن بېسىمى مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ياشلار بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەقىقىي باش قاتۇرىدىغان مەسىلىلىرى نامايان قىلىنىپ، ئىككى ئەۋلاد كىشىلەر ئارىسىدا ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلىنغان. «بالىلارنى بېقىش تەس» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا بالا تەربىيەلەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىپ، «شەھەردىكى چوڭ بالىلار»نىڭ سالاھىيەت دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى خۇشاللىقى ۋە قايغۇسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان. بۇ ئەسەرلەر كىشىلىك ھاياتتىكى مەلۇم بىر نۇقتىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە، كۆڭۈل بۆلىدىغان رېئال مەسىلىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، مەسىلىلەرنى ئېچىپ بېرىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇلغان. 20 يىلغا يېقىن كەسپىي كەچۈرمىش ماڭا تۇرمۇشنىڭ بىر تەرىپىگە يوشۇرۇنغان ئادەتتىكى شەخس ۋە ئاددىي ھېكايىلەرنىڭ تاماشىبىنلارنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوزغىيالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

  يېقىنقى بىر مەزگىلدە، مېنىڭ قىزىقىشىم جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە يۆتكەلدى ھەمدە تور تىياتىرى «چاڭئەننىڭ 24 سائىتى»غا رېژىسسورلۇق قىلدىم. قارىماققا، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن ھازىرقى زامان ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئارىلىق بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى قانداق تېما بولسۇن بارلىق ئىجادىيەتنىڭ ئىچكى لوگىكىسى بىردەك، يەنى رېئال تۇرمۇشنى ئاساس قىلىپ، رېئالىزملىق ئىجادىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش. «چاڭئەننىڭ 24 سائىتى» قويۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن پايدىلىق مۇھاكىمە قوزغالدى، مەنمۇ نۇرغۇن باھالارنى تاپشۇرۇۋالدىم، بۇ تىياتىر تاڭ سۇلالىسى مەدەنىيىتىنى بىر قەدەر ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈردى، دەپ قارالدى. ئەگەر مېنىڭدىن ئىجادىيەت ئىدىيەمنىڭ نېمە ئىكەنلىكى سورالسا، ئۇ يەنىلا رېئالىزم. مەن «چاڭئەننىڭ 24 سائىتى» ئارقىلىق قەدىمكى ۋە ھازىرقىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك سېلىپ، بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ بىر كۈنىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەسلىگە قايتۇرۇپ نامايان قىلدىم، تاماشىبىنلارنىڭ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارقىلىق مىڭ يىل ئىلگىرىكى بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى تۇرمۇشنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى، ئادەمگەرچىلىكى ۋە تولۇپ تاشقان مەدەنىيەت مەزمۇنىنى ھېس قىلىشىنى، بىزنىڭ مۇشۇنداق پارلاق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، بەزى كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە «مەدەنىيەت» رامكىسى ئاددىي ھالدا دېكوراتسىيە، سەھنە جابدۇقلىرى، كىيىم-كېچەكلەر ئۈستىدىلا بېكىتىلىپ قېلىپ، قىممەت يادروسىنىڭ ئىپادىلىنىشى ۋە رېئال تۇرمۇشنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىگە سەل قارالغان. نەپىس ئۈن-سىن ئىپادىلەش ھەقىقەتەن كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى، لېكىن شۇ يەردە توختاپ قالماسلىق كېرەك. «چاڭئەننىڭ 24 سائىتى»نى ئىشلەش جەھەتتە ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىندى. فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى نۇرغۇن تارىخى ماتېرىياللاردىن باشلاپ قول سېلىپ ئىشلىدى، چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، شەھەردىكى ھەر بىر دۇكاننىڭ قۇرۇلمىسى، قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىغىچە، كىچىك جەھەتتىن ئېيتقاندا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، قائىدە-يوسۇن ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، قايتا-قايتا ئويلىنىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش، ئاساسلىنىدىغان ئاساس بولۇشقا تىرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ تىياتىردا يەنە قەدىمكى ئۇسۇلدا قەغەز ياساش ۋە ئەنئەنىۋى ساليوت قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەقەلىككە سىڭدۈرۈلۈپ، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش تېمىسىغا بىۋاسىتە جاۋاب بېرىلدى. بۇ ماھارەتلەر تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھەممە نەرسىسىنى «قايتا ئويۇش» ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەينى چاغدىكى ئەمەلىي تۇرمۇش شەكلى، قىياپىتى ۋە لوگىكا ئۇسۇلىغا ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلىشىپ، تىياتىردىكى رول ۋە ۋەقەلىكنى يېتەرلىك ئىشەنچلىكلىك، ئورتاق ھېسسىيات، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە قىلماقچى بولدى. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، «چاڭئەننىڭ 24 سائىتى»نىڭ بىردىنبىر باش رولچىسى بولسا دەل چاڭئەن شەھىرى، پەقەت چاڭئەندىن ئىبارەت بۇ شەھەرنى رېئال تەسۋىرلەپ، تىياتىردىكى كىشىلەرنىڭ «ئائىلىسى»نى ئەينەن تەسۋىرلىگەندىلا، جاڭ شياۋجىڭ بىلەن لى بىنىڭ قول تۇتۇشۇپ كىرىزىسنى ھەل قىلىپ، يۇرت-ماكانىنى قوغداش ھېكايىسى مۇستەھكەم نۇقتىغا ئىگە بولىدۇ، بۇ تىياتىر شۇندىلا «يۇرت-ماكان»نىڭ سىمۋولى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، رېئال قىممەت ۋە ئاكتىپ كۈچنى تارقىتالايدۇ.

  «چاڭئەننىڭ 24 سائىتى»نى سۈرەتكە ئېلىش ۋە ئىشلەش ئارقىلىق، رېئالىزملىق ئىجادىيەت پىرىنسىپىنىڭ تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرنى دەۋر تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇردىغانلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. ئىجادىيەتچى شۇ چاغدىكى ئاددىي كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي پىششىق بىلگەندىلا، ئاندىن قەدىمكى كىتابلار ۋە ماتېرىياللاردا خاتىرىلەنگەن ئادىمىيەت تارىخىنى زامانىۋى كىنو-تېلېۋىزىيە سۆزلىرىگە ئايلاندۇرالايدۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شانلىق تارىخىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن مەدەنىيەت ئىشەنچى تەبىئىي ھالدا ئېكراندا نامايان بولۇپ، ئاممىنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە، كىنو-تېلېۋىزىيە سەنئىتى جۇڭگو روھىنى يەتكۈزۈش، جۇڭگو قىممىتىنى نامايان قىلىش، جۇڭگونىڭ سېھرىي كۈچىنى ئىپادىلەشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى. بۇنىڭدا رېئالىزملىق ئىجادىيەتنىڭ مۇھىملىقى بارغانسېرى گەۋدىلەندى، ئىجادىيەتچى بۇنىڭ ئۈچۈن بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. پەقەت رېئال تۇرمۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇر كۆزىتىپ، دەۋر ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرغاندىلا، ئاندىن تاماشىبىنلارنىڭ كۆڭلىنى ھەقىقىي ئۇتۇپ، دەۋرگە ۋە خەلققە مۇناسىپ نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.

  (ئاپتورى تور تىياتىرى «چاڭئەننىڭ 24 سائىتى»نىڭ رېژىسسورى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ