مەن ۋە ۋەتىنىم - جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو مىللەتلەر يېزىقىدىكى خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ۋە ھۆججەت كۆرگەزمىسى مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى

2019.08.12 15:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو مىللەتلەر كۇتۇپخانىسى، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى كۆرگەزمىخانىسى، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى مۇزېيى ئۈستىگە ئالغان «مەن ۋە ۋەتىنىم - جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو مىللەتلەر يېزىقىدىكى خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ۋە ھۆججەتلەر كۆرگەزمىسى» مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى كۆرگەزمىخانىسى ۋە جۇڭگو مىللەتلەر كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ئۇزاق مەدەنىيەت مۇساپىسىدە، ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ زېمىندا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ياراتتى. يېزىق مەدەنىيەتنى ساقلاش ۋە مەدەنىيەتنى خاتىرىلەش تەرەققىيات تومۇرىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. نۇرغۇن مىللەتلەر تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىنى ياراتتى ھەمدە مول ھۆججەت بايلىقىنى قالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىققا ئايلاندى. جۇڭگو يېزىقى چوڭ ئائىلىسىنىڭ 50 نەچچە ئەزاسى بار بولۇپ، ئۇ جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىنتايىن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ شاھىدى.

  يېزىقنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، ئىنسانلارنىڭ جاھالەتتىن مەدەنىيلىككە يۈزلىنىشىدىكى سۇ بۆلگۈچ، ئۇ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئالماشتۇرۇشتا چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ، شۇنداقلا ھەر خىل سەنئەت تۈرلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك خەزىنىسىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى. خەتتاتلىق سەنئىتى يېزىقنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ مەنىسىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ خەتتاتلىق ئۇسلۇبى، قۇرۇلمىسى ۋە قائىدىلىرى ئارقىلىق يېزىقنى گۈزەللىك تۇيغۇسىغا باي بەدىئىي ئەسەرگە ئايلاندۇرىدۇ. جۇڭگو خەتتاتلىقى ئۆزگىچە سەنئەت شەكلىگە ۋە جۇڭگو كىلاسسىك سەنئىتىدە ئۆزگىچە مۇنەۋۋەر ئورۇنغا ئىگە، ئۇ، ئۈنسىز شېئىر، شەكىلسىز ئۇسسۇل، رەسىمسىز رەسىم، ئاۋازسىز مۇزىكا دەپمۇ تەرىپلىنىدۇ.

  بۇ گۈزەل يېزىق ۋە قىممەتلىك كىتابلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ياراتقان مۇھىم مەدەنىيەت نەتىجىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مەنىۋى قىممىتى، تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ئىجادچانلىقى مۇجەسسەملەنگەن، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان، تومۇرداش تارىخىنىڭ شاھىتى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى.

  جۇڭگو خەتتاتلىقى بىر خىل ئۆزگىچە سەنئەت شەكلىگە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا، خەتتاتلىق سەنئىتى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن ھېسسىياتنىڭ ئالاقە تۈگۈنى بولۇپ قالدى، بىر قەلەم جۇڭخۇا مىللىتىگە تۇتىشىدۇ، مىللىي يېزىقتا ھەممە گۈللەر ئېچىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە، خەنزۇ، موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن يېزىقى، يىزۇ يېزىقى، يىزۇ يېزىقى، جۇاڭزۇ يېزىقى، توتى موڭغۇل يېزىقى، قەدىمكى جۇاڭزۇ يېزىقى، مانجۇ يېزىقى، شىبە يېزىقى، قىرغىز يېزىقى، تۇجيازۇ يېزىقى، دۇڭبا يېزىقى، گېبا يېزىقى، ناشى يېزىقى، شىشۇاڭبەننا دەيزۇ يېزىقى، دېخۇڭ دەيزۇ يېزىقى، جىڭپو يېزىقى، خانى يېزىقى، سۇسۇ بوغۇم يېزىقى، كونا سۇسۇ يېزىقى، لاخۇ يېزىقى، ۋا يېزىقى، قەدىمقى بەي يېزىقى، بەي يېزىقى، ياۋ يېزىقى، دۇلوڭ يېزىقى، مياۋزۇ يېزىقى، قەدىمقى بۇيى يېزىقى، بۇيى يېزىقى، دوڭزۇ يېزىقى، سۇ يېزىقى، گېلاۋزۇ يېزىقى، لىزۇ يېزىقى، نەن خېتى، رۇنى يېزىقى، مانى يېزىقى، خۇيخۇ(ئۇيغۇر) يېزىقى، تاڭغۇت يېزىقى، قىتان يېزىقى، جۇرجىت يېزىقى، باسپا يېزىقى، نۈشۇ يېزىقى قاتارلىق 51 خىل يېزىقتىكى خەتتاتلىق ئەسەرلىرىدىن 200 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ۋە 100 پارچىدىن ئارتۇق ھۆججەت (سۈرەتلىك كىتاب، ژۇرنال، گېزىت) لەر بار. كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى .

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە «مەن ۋە ۋەتىنىم - جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى» ئىجادىيەت باش تېمىسى قىلىنىپ، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى. كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، مىللەتلەرنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر مىللەت يېزىقىدىكى خەتتاتلىقنىڭ ئۆزگىچە بەدىئىي سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە بېيجىڭ، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ، گۇاڭشى، نىڭشيا، شىزاڭ، خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، لياۋنىڭ، خۇبېي، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن، چىڭخەي قاتارلىق 15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى ھەر مىللەت خەتتاتلىرى ۋە ئالىم-مۇتەخەسسىسلەردىن 96 كىشىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، ئالىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرنىڭ ئالاقە ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئېرىشتى، تەشكىللەش ئارقىلىق جەمئىي 209 پارچە ئەسەر كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلدى. بۇ، ھەر مىللەت يېزىقىدىكى خەتتاتلىقنىڭ ئۆزگىچە بەدىئىي سېھرىي كۈچىنى تولۇق نامايەن قىلدى.

  جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا، خەتتاتلىق سەنئىتىمۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت بىلەن ھېسسىياتنىڭ ئالاقە ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. ھەر خىل قەدىمىي ئەسەرلەر ھەر خىل گۈزەل، كۆركەم ھەر مىللەت يېزىقىدا يېزىلغان بولۇپ، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى كىتابلىرى پۈتۈكلىرىدىن ساقلىنىپ قالغان. يېزىق يېزىقچىلىقىغا دائىر سەنئەت ئىجادىيىتى ھەر مىللەت خەتتاتلىرىنىڭ ھارماي-تالماي ئىنتىلىشى بولۇپ قالدى، ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىش داۋامىدا، ھەر مىللەت يېزىقلىرىنىڭ يېزىقچىلىقى ناھايىتى رەڭدار بولۇپ، گۈزەللىككە تولغان.

  كۆرگەزمە ئارقىلىق تاماشىبىنلار جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول مەزمۇنلۇق ۋە كۆپ خىللىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

  كۆرگەزمە 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ( ۋۇ گۇيبياۋ )

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ