خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، يەر شارى تورىنىڭ شياڭگاڭ ئايرودۇرۇمىغا زىيارەتكە ئەۋەتكەن مۇخبىرى فۇ گوخاۋ شياڭگاڭلىق توپىلاڭچىلارنىڭ نەزەربەند قىلىشى، بوزەك قىلىشى ۋە ئۇرۇشىغا ئۇچرىدى!
خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزدىكى مىليونلىغان كىشى غەزەپلەندى! شۇ كېچىسى سانسىزلىغان كىشىلەر ئۇيقۇسىز قېلىپ، فۇ گوخاۋنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ، توپىلاڭچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن قاتتىق غەزەپلەندى.
ساقچىلارغا بېنزىن بومبا ئېتىشتىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشقىچە، ئاندىن مۇخبىرلارنى ئۇرۇشقىچە . . . شياڭگاڭلىق توپىلاڭچىلار ئارقا-ئارقىدىن زوراۋانلىق قىلىپ، غېرىچقا ئېرىشىپلا غۇلاچقا تىكىلىپ، ئۇچىغا چىققان قانۇنسىزلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا پەرۋا قىلمىغان قىلمىشى كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ، بۇنىڭغا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ.
مۇخبىرنى ئۇرغانلىقنى كەچۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ، بۇ، ئاخبارات ئېتىكىسىنى دەپسەندە قىلغانلىق، پۇقرالار ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىق، شۇنداقلا قانۇن-نىزاملارنى دەپسەندە قىلغانلىق. زوراۋانلىق ئەخلاق ۋە قانۇننىڭ تۆۋەن چېكىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىدى، توپىلاڭچىلار چوقۇم قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىشى كېرەك.
زوراۋانلارنىڭ قىلمىشىغا سېلىشتۇرغاندا، فۇ گوخاۋنىڭ ھەققانىيىتى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ئۇ توپىلاڭچىلارغا قارىتا: «مەن شياڭگاڭ ساقچىلىرىنى قوللايمەن، سىلەر مېنى ئۇرساڭلار بولىدۇ» دەپ توۋلىدى. ھەققانىيەت ۋە غەيرىتىنى ئىپادىلىدى، ئۇ قۇتقۇزۇپ چىقىلغىنىدا نوسىلكىدا يېتىپ تۇرۇپ «مەن شياڭگاڭنى ياخشى كۆرۈمەن، رەھمەت»، دېدى. شياڭگاڭنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماسلىق ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلدى. بۇ بىر ۋەتەننى سۆيىدىغان، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان مۇخبىرنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ توپىلاڭچىلارغا بولغان سوغۇق مۇئامىلىسى ۋە قامچىسى.
بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، ھەققانىيەتنىڭ كۈچى توپلىنىۋاتىدۇ، بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەر زوراۋانلىققا، توپىلاڭچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، بارلىق جىنايى قىلمىشلارغا، بارلىق زوراۋان ئۇنسۇرلارغا «ياق!» دەۋاتىدۇ!
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى