مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ب د ت نىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دەپ قارالدى: خەلقئارا تېررورچىلىقنىڭ خەۋپ-خەتىرى يەنىلا يۇقىرى بولماقتا

2019.08.13 13:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت نىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى خەلقئارا تېررورچىلىق توغرىسىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئىلگىرى سۈرىيە ۋە ئىراقنى قاپلىغان ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» ۋە ئۇنىڭ «زېمىنى» ھازىر مەۋجۇت بولمىسىمۇ، لېكىن، خەلقئارا تېررورچىلىق تەشكىلاتى يەنىلا قولىدىكى «بايلىق» ۋە يوشۇرۇن كۈچلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تېررورچىلىق تورىنى قايتا قۇرۇۋاتىدۇ، خەلقئارا تېررورچىلىقنىڭ خەۋپ-خەتىرى يەنىلا تۆۋەنلىمەيۋاتىدۇ.

  ب د ت نىڭ دوكلاتىدا، «شام ئىسلام دۆلىتى» خەلقئارا نىشانغا بولغان ھۇجۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا يەنىلا 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق «بايلىق» بار، دەپ ئاگاھلاندۇردى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «شام ئىسلام دۆلىتى» «ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىش» مەزگىلىدە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايونلارنىڭ «باج كىرىمى»، نېفىتنى ھايىنىغا سېتىش، تۇتقۇن قىلىپ قايتۇرۇۋېلىش پۇلى بېرىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھايىنىغا سېتىش ۋە بانكا بۇلاش قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق بايلىق توپلاپ، «ھاكىمىيەت» ھەرىكىتىنى ساقلاپ قالدى. جەنۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ شۇ يىلى ئالغان ئاساسلىق باج تۈرى ۋە باج نىسبىتى تەرتىپ بويىچە مۇنداق بولىدۇ: %10 شەخسىي تاپاۋەت بېجى، %10 - %15 سودا بېجى، %2 سېتىش بېجى،%5 بانكا نەق پۇل ئېلىش بېجى ۋە %10 - %35 دورا بېجى، دېگەندەك. «شام ئىسلام دۆلىتى» ئىلگىرى ئىراق مەركىزىي بانكىسىنىڭ موسۇلدىكى خەزىنىدىن 450 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قىممىتىدىكى نەق پۇل ۋە ئالتۇننى بۇلىغان.

  ب د ت نىڭ ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، گۈللەنگەن مەزگىلدىكى «شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسكەرلىرىنىڭ ئايلىق كىرىمى 400 - 1200 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئايالىغا 50 ئامېرىكا دوللىرى قوشۇمچە ياردەم پۇلى قوشۇپ بېرىپ، ھەر بىر بالىغا 25 ئامېرىكا دوللىرى بېرىلىدىكەن. تېخنىكىغا پىششىق ئىنژېنېر ۋە تېخنىك خادىملار ھەر ئايدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1500 ئامېرىكا دوللىرى ئالالايدۇ.

  ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنداق دېدى: «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ زېمىن ۋە نوپۇسنى كونترول قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھېچقانداق مالىيە چىقىمى قالمىدى. «شام ئىسلام دۆلىتى» توپلىغان غايەت زور بايلىق شۇنىڭ بىلەن يەر ئاستىغا يۆتكەلدى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «شام ئىسلام دۆلىتى» مەبلىغىنىڭ يوشۇرۇنغان ئورنى ئىنتايىن مەخپىي بولۇپ، پەقەت ئاز ساندىكى «شام ئىسلام دۆلىتى» يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرلا بىلىدۇ. «خاۋارا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەخپىي سىستېما ئارقىلىق، «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ مەبلىغى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا، ھەتتا ئامېرىكىدىمۇ يۈرۈشۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت بىرلا تېلېفون كېرەك. بۇ سىستېما قانۇنلۇق پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بىلەن تەڭ يۈرگۈزۈلىدۇ. «شام ئىسلام دۆلىتى» يەنە ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى قوللىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مالىيەدە ئۆزىنى ئۆزى قامداشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بەردى.

  يېقىندا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرغان دوكلاتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسى تەھلىل قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىرى قايتا تەشكىللىنىۋاتىدۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق ۋە سۈرىيەدە «ئەڭ ئاخىرقى قىيامەت»كە ئاساس سالماقچى بولدى، دەپ ھۆكۈم قىلدى. «شام ئىسلام دۆلىتى» گەرچە تارقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن، نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالار تورغا چۈشمىدى، ئۇلار ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىغا تارقىلىپ، پۇرسەت كۈتۈپ، «قايتىدىن باش كۆتۈرۈش»كە ئۇرۇندى. مۆلچەرلىنىشىچە، تەخمىنەن 24 مىڭدىن 30 مىڭغىچە چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى «شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق ئۇنسۇرلىرى يەنىلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ